چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نىكولا تېسلا 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كرودىيە دىكى سىمۋەن كەنتىدىكى سەربەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن تېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلۇق ئادەمنىڭ مېھمانخانىسىدا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :نىكولا تېسلا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :尼古拉·特斯拉

باشقا نامى :تېسلا، نىكو تېسلا

دۆلەت تەۋەلىكى :ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى (كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن)

مىللىتى :سېربلار

يۇرتى :كرودىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى

كەسپى :كەشپىياتچى، مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :گرازدا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەمەلىيەتتە مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن)

چەتئەلچە نامى :Nikola Tesla、Никола Тесла، Niko Tesla

خەنزۇچە باشقا نامى :尼科·特斯拉

ئېتىقادى :سېربىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى

ئاساسلىق نەتىجىلىرى :ئۆزگىرىشچان توك سىستېمىسى، سىمسىز تېلېگراف سېستىمىسى، سىمسىز ئېنېرگىيە يوللاش، رادار، چوڭايتىش ئاپپاراتى

ۋەكىللىك ئەسىرى :《My Inventions》《The Dynamic Theory of Gravity》

ئىزاھات :سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىم

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى

نىكولا تېسلانىكولا تېسلا (سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىم) 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كرودىيە دىكى سىمۋەن كەنتىدىكى سېربان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن تېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلۇق ئادەمنىڭ مېھمانخانىسىدا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى.

ئاتا-ئانىسى سېربلار بولۇپ، ئۇ بەش بالا ئىچىدىكى تۆتىنجىسى، 1862-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى گوسپىچقا كۆچۈپ كەلگەن، كېيىنچە ئېدىسون تېسلانى ياللاپ ئىشلەتكەن، ئۇنى ئېدىسوننىڭ ماشىنسازلىق شىركىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. تېسلا ئېدىسون شىركىتىنىڭ تۇراقلىق توكلۇق ئېلېكتر ماشىنىسىنى قايتا لايىھىلەشكە تولۇق مەسئۇل بولغان.

ئۇ توكنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ھەمدە ھازىرقى زامان ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپ قىلغان ئادەم. ئۇ نۇرغۇن ئالاقىدار پاتنېتى، شۇنداقلا ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى نەزەرىيىسى تەتقىقات خىزمىتى ھازىرقى زامان سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز تېلېگرافنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ.

تېسلا سەككىز خىل تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ: چېخ تىلى، ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، گېرمان تىلى، ۋېنگىرىيە تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە ئۆزىنىڭ ئانا تىلى سېرب تىلى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏