چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھىندىستان كىنوچىلىق مەركىزى — بوللىۋود ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىگە جايلاشقان، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كىنو سانائەت بازىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :بوللىۋود

خەنزۇچە ئاتىلىشى :宝莱坞

ئىنگلىزچە ئاتىلىشى :Bollywood

سۈرەتكە ئېلىش ئورنى :بومباي شەھىرى

جايلاشقان ئورنى :ھىندىستان بومباي شەھىرى

تىپى :ۋەقەلىك

ئاساسلىق مۇكاپاتى :Star Screen مۇكاپاتى

رەڭ ئۇسلۇبى :رەڭدار

تەسىرى :تەدرىجىي ھالدا غەرب كىنو ھەۋەسكارىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەن

تاماشىبىنلىرى :نەچچە يۈز مىليون

تونۇشتۇرۇلۇشى

بوللىۋودبوللىۋود ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىگە جايلاشقان، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كىنو سانائەت بازىسىدۇر. ھىندىستانلىقلار ئامېرىكىدىكى كىنوچىلىق مەركىزى ھوللىۋود (Hollywood) نىڭ نامىدىكى باش ھەرپ «H» نى بومباي (Bombay) نىڭ باش قىسمىدىكى «B» غا ئالماشتۇرۇپ، بوللىۋود (Bollywood) دەپ ئاتىغان.

گەرچە تىل ساپلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرغۇن كىشى بۇنداق ئاتاشقا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن بوللىۋود دېگەن بۇ نام ئوكېسفورد لۇغىتىگە رەسمىي سۆزلۈك سۈپىتىدە قوشۇلۇپ بولغان. ھىندىستاندا بوللىۋودتىن باشقا كىنو بازىلىرىمۇ بار، لېكىن تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇز جەھەتتىن بوللىۋود يەنىلا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏