چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فىلدىز مۇكاپاتى، ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات. 1936-يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :فىلدىز مۇكاپاتى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :菲尔兹奖

ئىنگلىزچە ئاتىلىشى :Fields Medal

تارقىتىش دەۋرىي :4 يىل

تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان ۋاقتى :1936-يىلى

بەرپا قىلغۇچى :يوھان چارس فىلدىز

كېلىپ چىقىش تارىخى

نوبېل مۇكاپاتى (Nobel Prize) ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات بولۇپ، شىۋېتسىيىلىك خېمىك ھەم پارتىلاتقۇچ دورا كەشپىياتچىسى ئالفېرد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسيىتى بويىچە ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مىراسلىرىنى مۇكاپات فوندى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. بىراق نوبېل، كەشپىياتچى ھەم سانائەتچى خوجايىن بولغاچقا نوبېل ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىنمىغان. چۈنكى، ئۇ ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىقمىغان ھەم ماتېماتىكىنى نەزەرىيىۋى پەن دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ، بۇ مۇكاپاتنى ئىنسانلارغا بەخت يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى كەشپىيات ياكى بايقاش مۇكاپاتى دەپ ئېيتقان.

فىلدىز مۇكاپاتىفىلدىز كانادالىق ماتېماتىك بولۇپ، 1863-يىلى توغۇلۇپ، 1932-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. فىلدىزنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى ئويۇشتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش تەرەپلەردە زور رول ئوينىغان. فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) بولسا، ماتېماتىكىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ئىككى، ئۈچ ياكى تۆت ماتېماتىكلارغا، خەلقئارالىق ماتېماتىكا ئويۇشمىسى (International Mathematical Union قىسقارتىلىپ IMU دېيىلىدۇ )نىڭ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى  (International Congress of Mathematicians قىسقارتىلىپ ICM دېيىلىدۇ) دا بېرىلدىغان بولۇپ بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان-شەرپى بولۇپ قالغان.

1924-يىلى تورۇنتودا يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى ئېچىلغان، ماتېماتىك فىلدىز (John Charles Fields) قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندا قالغان ئىقتىسادى بىلەن بىر ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بەرگەن. ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىراسىنى بۇ مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات فوندىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا ۋەسيەت قالدۇرغان ھەمدە بۇ مۇكاپاتنى ھەر قانداق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتىماسلىققا تەكلىپ بەرگەن. شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ نامى بىلەن  فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) دەپ ئاتاپ، فىلدىزنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏