چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئادەم ئاناتومىيەسى بولسا قەدىمكى بىر شەكىل ئىلمى. ئاناتومىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇ بۆلۈنۈش، پارچىلاش دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئادەم ئاناتومىيەسى

خەنزۇچە ئىسمى :人体解剖学

چۈشەندۈرۈلىشى 

ئادەم ئاناتومىيەسى نورمال ئادەم بەدىنىنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. تىببىي ئىلىمدىكى مۇھىم ئاساسىي پەنلەرنىڭ بېرىدۇر. چۇنكى پەقەت ئادەم بەدىنىنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشىنى تولۇق بىلگەندە ئاندىن ئادەملەردىكى فىزىئولوگيەلىك ھادىسلەرنى ۋە پاتولوگىيەلىك جەريانلارنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى، فىزىئولوگىيەلىك ياكى پاتولوگىيەلىك ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشكە بولمايدۇ، ھەتتا كېسەللەرگە توغرا دىئاگنوز قويغىلى ۋە داۋالىغىلىمۇ بولمايدۇ. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏