چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1900-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو دىكى ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى لايىھىلەپ ياسىغان «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو ئاپپارات

ياسالغان ۋاقىت :1900-يىلى

نامى :مامۇنت

ياسىغان شىركەت :ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى

ئېغىرلىقى :635 كىلوگرام

تونۇشتۇرۇلىشى

1900-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى لايىھىلەپ ياسىغان «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى.

«مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات بىلەن تارتىلغان سۈرەتنىڭ نېگاتىپىنىڭ ئۆلچىمى 1.4×2.4 مېتىر بولۇپ، بۇ نېگاتىپىنىنى يۇيۇش ۋە بېسىشقا 0.045 كۇپ مېتىر خىمىيىلىك دورا سۇيۇقلۇقى كېتەتتى. 1900-يىلى پارىژدىكى يەرمەنكىدە مۇشۇ خىل ئاپپارات ئارقىلىق تارتىلغان چوڭ سۈرەت «دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇكاپات»قا ئېرىشكەن.

بۇ چوڭ ئاپپارات مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان ھەشەمەتلىك ۋاگونلارنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ ئاپپاراتقا 225 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى ئەينەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاپپاراتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 635 كىلوگرامغا يېتەتتى، ئۇنى 15 ئادەم باشقۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شىركەت مەخسۇس بىر ۋاگون ئاجرىتىپ بۇ قىممەتلىك ئاپپاراتنى توشۇشقا ئىشلەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏