چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش داخىي قەدىمىي شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، شىنجاڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى داخې بازىرى دوڭتوۋچۈ كەنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :داخىي قەدىمىي شەھىرى

خەنزۇچە نامى :大河古城

تەۋەلىكى :شىنجاڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى داخې بازىرى دوڭتوۋچۈ كەنتى

خەنزۇچە باشقا نامى :大河唐城

سېلىنغان ۋاقتى :جىڭلۇڭ يىللىرى (710-يىلى)

دەۋرى :تاڭ سۇلالىسى

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى :1644 مېتىر

تونۇشتۇرۇلىشى

داخىي قەدىمىي شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، شىنجاڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى داخې بازىرى دوڭتوۋچۈ كەنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتىر. پەس تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، سۇ مەنبەسى مول، يېرى مۇنبەت، تېرىقچىلىققا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى نىڭ جىڭلۇڭ يىللىرىدا بۇ ئارا تۈرۈكتكى ھەربىيلەر تۇرۇشلۇق جاي.

ھازىر قومۇل ۋىلايىتى دىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولغان خارابە. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1644 مېتىر. شەھەر چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئاساسىي شەھەر ۋە كونا شەھەردىن تەركىب تاپقان. ئىككى شەھەر غەربكە قاتار سېلىنغان، ئۆزئارا پەقەت بىرلا تام ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر ئىشىك بولۇپ ئۆز-ئارا ئۆتۈشكىلى بولىدۇ.

خاڭدالغان توپا بىلەن ياسالغان، خاڭدالغان تام قاتلىمنىڭ قېلىنلىقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر. ئاساسىي شەھەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 210 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 180 مېتىر. سېپىلىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏