مالىنا(خام دورا) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مالىنا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، پۈتۈن تېنىدە زىچ ئۇششاق تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋىسى توپ شىرىلىك مېۋە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، شەكلى دۈگىلەكرەك، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. مېۋىسى ۋە يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مالىنا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :覆盆子

پارسچە نامى :Rubus chingii Hu

شەكلى :دۈگىلەكرەك

تەمى :تاتلىق

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي

تەبىئىتى :قۇرۇق ئىسسىق

رەڭگى :قىزىل

تونۇشتۇرۇلىشى

مالىنامالىنا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، پۈتۈن تېنىدە زىچ ئۇششاق تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇچىدىكى كىچىك يوپۇرمىقى چوڭراق، گىرۋىكى رەتسىز قوش ھەرە چىشىسىمان، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، دۈمبىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ؛ گۈلى ئاق، بىر تال ياكى بىرنەچچە تال بولۇپ، ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، مېۋىسى توپ شىرىلىك مېۋە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، شەكلى دۈگىلەكرەك، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏