چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياۋا كەشمىر ياۋا كەشمىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا كەشمىرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ياۋا كەشمىر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :泽泻

تەبىئىتى :ھۆل سوغۇق

باشقا نامى :ئالىسما

تونۇشتۇرۇلىشى 

ياۋا كەشمىرياۋا كەشمىر ياۋا كەشمىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا كەشمىرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ، يەر ئاستىدا، شار شەكىللىك تۈگۈنەك غولى بار، چاچما يىلتىزى كۆپ بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق تۈۋى غىلاپسىمان، يوپۇرماق شەكلى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈل شېخى يوپۇرماقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ، گۈلى ئاق، ئومۇم گۈل شېخى بەشتىن يەتتىگىچە ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ، توپلىشىپ چوڭ كونۇسسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، كىچىك گۈل ساپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش ئەمەس، كۈنلۈكسىمان تىزىلغان. مېۋىسى ئورۇق، تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ياپىلاق كېلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏