چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقى (The Hashemite Kingdom of Jordan) قىسقارتىلىپ ئىئوردانىيە دېيىلىدۇ. ئىئوردانىيە ئەرەب يېرىم ئارىلى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :约旦哈希姆王国

قىسقارتىلغان نامى :ئىئوردانىيە 约旦

قىتئە تەۋەلىكى :ئاسىيا قىتئەسى

ۋاقىت رايونى :UTC+2

پايتەختى :ئاممان

دۆلەت شېئىرى :《国王万岁》

دۆلەت تىلى :ئەرەب تىلى

سىياسى تۈزۈلمىسى :ئىككى مەنبەلىك تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم

نوپۇسى :7 مىليون 590 مىڭ ئادەم (2015-يىلى)

نوپۇس زىچلىقى :68.4 ئادەم/ كۋادرات كىلومېتىر (2011-يىلى)

يەر مەيدانى :91 مىڭ 390 كۋادرات كىلومېتىر

چەتئەلچە نامى :The Hashemite Kingdom of Jordan

دۆلەت بايرىمى كۈنى :(1946-يىلى) 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

پۇلى :ئىئوردانىيە دىنارى

ئاساسلىق دىنى :ئىسلام دىنى - سۈننىي مەزھىپى

ئاساسلىق مىللەت :ئەرەبلەر

كىلماتى :سۇبتروپىك بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى

دۆلەت گۈلى :قارا چىغىرتماقگۈل

دۆلەت ھەققىدە

6پارچەئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقىئىئوردانىيە ھاشىمىت پادىشاھلىقى (The Hashemite Kingdom of Jordan) قىسقارتىلىپ ئىئوردانىيە دېيىلىدۇ. دۆلەت نامى ئىئوردان دەرياسىدىن كەلگەن. ئىئوردان سۆزى ئىبراي تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <جىددىي ئاققان سۇ> ياكى <ئۆركەشلىمەك> بولىدۇ.

ئىئوردانىيە ئەرەب يېرىم ئارىلى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 91 مىڭ 390 كۋادرات كىلومېتىر (ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن 600-1000 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت. 

ئىئوردانىيەنىڭ ئاھالىسى 7 مىليون 590 مىڭدىن ئاشىدۇ (2015)، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا تۈركمەن، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئىئوردانىيەدىكى پەلەستىنلىكلەر بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ %90 دىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.

 ئىئوردانىيەنىڭ يەر مەيدانى 91.390 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 590 مىڭ. بۇنىڭ %40 ى ئىئوردانىيىلىك ئەرەبلەر،%55 ى پەلەستىنلىك ئەرەبلەر، قالغىنى چېركەس تۈركلىرى، تۈركىيە تۈركلىرى ۋە چېچېنلەر تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى ئاممان، پۇل بىرلىكى دىنار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏