چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (Beijing University of Civil and Architecture ) بېيجىڭ شەھىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى ئورتاق قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ، بېيجىڭ رايونىدىكى بىردىن بىر قۇرۇلۇش تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :北京建筑大学

بۇرۇنقى نامى :بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى

قىسقاتىلغان نامى :北建大

قۇرۇلغان ۋاقتى :1936

مەسئۇل تارماق :بېيجىڭ شەھىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى

ئايرىمىسى :ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت

داڭلىق مەكتەپداشلار :李瑞环,李昶

مەكتەپ تۈرى :تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى

مەكتەپ تەلىمى :团结、勤奋、求实、创新

ئادرېسى :北京市大兴区黄村镇永源路15号

فاكۇلتېتلىرى :بىناكارلىق ۋە شەھەر پىلانلاش ئىنىستىتۇتى ، بىناكارلىق ۋە قاتناش قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ، مۇھىت ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى ، ئىقتىساد باشقۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى ، ئۆلچەش - سىزىش ۋە شەھەر بوشلىقى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى ، ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرى ۋە ئاپتوموبىل قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى ، يېزىقى - قانۇن ئىنستىتۇتى ، تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ، ماركسىزم ئىنستىتۇتى

مەكتەپ مۇدىرى :جاڭ ئەي لىن (张爱林)

توربېكىتى :http://www.bucea.edu.cn

مەكتەپ ھەققىدە

بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (Beijing University of Civil and Architecture ) بېيجىڭ شەھىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىئورتاق قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ، بېيجىڭ رايونىدىكى  بىردىن بىر قۇرۇلۇش تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ .بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 1936 - يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ، بېيپىڭ شەھەرلىك ئالىي دەرىجىلىك سانائەت كەسپىي مەكتىپى قۇرۇلۇش بۆلۈمى ، ئالىي ئىنژېنېر قۇرۇلۇش مەخسۇس ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ ئۈچ تەرەققىيات

 باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

 1982 - يىلى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى  باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئالىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلدى . 1986 - يىلى ماگىستىر ئۇنۋانى بېرىش ئورنى قىلىپ تەستىقلانغان  . 2011 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار مائارىپ تەربىيىلەش پىلانى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ » قىلىپ بېكىتىلدى . 2012-يىلې دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچڭلەرنې  تەربىيىلەش تۈرى تەستىقلاندى ، 2013 -يىلې 4-ئايدا ئەسلىدىكىدى مەكتەپ نامې

 (北京建筑工程学院) ھازىرقى بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (北京建筑大学) غا ئۆزگەرتىلگەن .ھازىرغا قەدەر مەكتەپنىڭ ئىككى مەكتەپ  رايونى (西城校区,大兴校区) بار .  غەربىي شەھەر مەكتەپ رايونى كۆلىمى 123 مىڭ كۋادرات مېتىر ، مەكتەپ ياتاق بىناسى قۇرۇلۇش كۆلىمى 202 مىڭ كۋادرات مېتىر ؛ داشىڭ مەكتەپ رايونى كۆلىمى 501 مىڭ كىۋادرات مېتىر ، 1 _ قارارلىق قۇرۇلۇشى 164 مىڭ كۋادرات مېتىر بۇلۇپ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ، كۇتۇپخانىدا  ساقلانغان قەغەز كىتاب 1 مىليون پارچىدىن ئارتۇق . بۇ مەكتەپنىڭ 11 ئىنستىتۇتى ۋە 3 ئۇل ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان ، 34 تولۇق كۇرس كەسپى ؛ بىر دۆلەتنىڭ ئالاھىدە 

 ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار دوكتورلۇق نۇقتىسى ، 12 ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك  پەن ، تۆت كەسپىي ئۇنۋان بېرىش تۈرى ۋە ئالتە قۇرۇلۇش كەسپىي ئۇنۋان بېرىش ساھەسى بار . مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 696 نەپەر ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىسى 8562 نەپەر  ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 7283 كىشى

 ، ماگىستىر ئاسپىرانت 1212 سى ، چەتئەللىك   ئوقۇغۇچىلار 67 نەپەر [2014-يىلغىچە ] .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏