چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇرپان ئويمانلىقى - تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم ئېتىكىدىكى تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، ئاساسلىق دائىرىسى تۇرپان شەھىرى. كۆلىمى 50140 كۋادرات كىلومېتىر. كۆپ قىسىم يەر يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 500 مېتىر تۆۋەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :تۇرپان ئويمانلىقى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :吐鲁番盆地

چەتئەلچە ئاتىلىشى :Turpan Basin

ئەڭ تۆۋەن جايى :دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 154.31- مېتىر

ئومۇمىي چۈشەنچە

تۇرپان ئويمانلىقى - تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم ئېتىكىدىكى تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، ئاساسلىق دائىرىسى تۇرپان شەھىرى. كۆلىمى 50140 كۋادرات كىلومېتىر. « تۇرپان » ئۇيغۇر تىلىدا « پەس يەر » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ كلاسسىك خەندەك ئويمانلىق، شۇنداقلا جۇڭگودىكى يەر شەكلى ئەڭ پەس ئورۇن ھىسابلىنىدۇ. ئەڭ تۆۋەن يېرى ( 154.31- مېتىر ① ) ، ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يوقۇرى جايلارنىڭ بىرى. كۆپ قىسىم يەر يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 500 مېتىر تۆۋەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ئىھاتە ئورمىنى ۋە سۇغىرىشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قۇم - بوران دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا ياخشىلىنىش بولدى. تۇرپان ئويمانلىقى، جۇڭگودىكى 10 چوڭ ئويمانلىقنىڭ بىرى بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە 11-ئورۇندا تۇردى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏