چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئادەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى گەۋدىنى تىرەپ تۇرۇش ۋە ئىچكى ئەزالارنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدىغان قاتتىق توقۇلما. ئاساسلىق تەركىبى كالتىسىي كاربونات ۋە كالتىسىي فوسفات.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۆڭەك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :骨头

ئېنگلىزچە ئاتىلىشى :bone

چۈشەنچە

ئادەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى گەۋدىنى تىرەپ تۇرۇش ۋە ئىچكى ئەزالارنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدىغان قاتتىق توقۇلما. ئاساسلىق تەركىبى كالتىسىي كاربونات ۋە كالتىسىي فوسفات. ئۇ شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۇزۇن سۆڭەك، قىسقا سۆڭەك ۋە ياپىلاق سۆڭەك دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ.

سۆڭەك توقۇلمىسى - تىرىك ھۈجەيرە ۋە مىنېرال ماددىلار ( ئاساسەن كالتسىي ۋە فوسفور ) بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن، دەل بۇ مېنىرال ماددىلار ئارقىلىق، سۆڭەك مۇكەممەل ماددا خاراكتېرى ئىگە بولىدۇ. سۆڭەك ئوخشاش بولمىغان شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىككە ئىگە: بىلەك سۆڭەك بولسا ئۇزۇن، بوغۇم سۆڭىكى بولسا قىسقا، تۆش سۆڭىكى ۋە باش سۆڭىكى بولسا ياپىلاق ، ئومۇرتقا سۆڭىكى بولسا تەرتىپسىز بولىدۇ.  ئۇزۇن سۆڭەك ئىچىدىكى يوتا سۆڭىكى ئىچىدە يىلىك بولىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏