چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خېمىر يېيىش، نان راسلاش ئۈچۈن رەخت ياكى ئاشلانغان تېرىدىن داستىخان شەكلىدە مەخسۇس ياسالغان تۆشۈك سايمىنى

چۈشەنچە

خېمىر يېيىش، نان راسلاش ئۈچۈن رەخت ياكى ئاشلانغان تېرىدىن داستىخان شەكلىدە مەخسۇس ياسالغان تۆشۈك سايمىنى. 

 سۇپرا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، ئىشلىتىش تارىخى ئۇزاق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق تۈرلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، تاماق جابدۇقلىرىمۇ كۆپ، سۇپرا مانا مۇشۇ تاماق جابدۇقلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئاشخانا جابدۇقى.

شەكلى - ياسىلىسى

    سۇپرا يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلغان جاۋا ياكى چەكمەن رەختتىن تەييارلىنىدۇ. مەيلى جاۋا ياكى چەكمەن رەخت بولسۇن ئەستەرلىنىدۇ. چوڭلىقى بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا تۆت چاسا قىلىپ تىكىلىدۇ ۋە سۇپرىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە كىچىك تۆت خالتا چىقىرىلىدۇ، بىرىنىڭ ئىچىگە تۇز، بىرىنىڭ ئىچىگە ئۇن، بىرىنىڭ ئىچىگە ئاز مىقداردا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ ئېغىزى تىكىۋېتىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە بۇغداي ئۇنى سۇپرىسى ۋە قوناق ئۇنى سۇپرىسى دەپ ئىككى سۇپرا بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏