چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاتىلار بايرىمى - ئاتىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى بولۇپ. تەخمىنەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى تەبرىكلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاتىلار بايرىمى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :父亲节

تارقالغان رايونلار :پۈتۈن دۇنيا

باشقا نامى :دادىلار بايرىمى

تەبرىكلەش ئۇسۇلى :سوۋغات بېرىش، جەمەت يىغىلىشى

پەيدا بولغان رايون :ئامېرىكا

ۋاقتى :6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى

ئېنگلىزچە نامى :Father's Day

چۈشەنچە

ئاتىلار بايرىمى - ئاتىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى. تەخمىنەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان، ئاتىلار بايرىمى كۈنى ۋاقتىغا نىسبەتەن، ھەرقايسى رايونلاردا پەرقلەر مەۋجۇت. ئەڭ ئومۇملاشقىنى بولسا ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى، بۇ كۈنى دۇنيادىكى 52 دۆلەت ۋە رايونلار ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. بايراملاردا ھەرخىل تەبرىكلەش ئۇسۇلى، كۆپىنچىسى سوۋغات ھەدىيە قىلىش، جەمەت يىغىلىشى ياكى باشقا ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرلەيدۇ. 

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي ئاتىلار بايرىمى تەسىس قىلىنمىغان . لېكىن ئىچكى ئۆلكىلەردە ئومۇمەن 6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى ئاتىلار بايرىمى تەبرىكلەش ئادەتكە ئايلانغان؛ جۇڭگو تەيۋەندە ئاتىلار بايرىمى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تەبرىكلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏