چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىلمىي ئۆلچەشلەر ئارقىلىق شەپەرەڭنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى بىلەن ئورۇن بەلگىلەيدىغانلىقى بايقالدى. يەنى ئۇ ئۇچۇش جەريانىدا كېكىردىكىدىن بىر خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىپ، ئاغزى ياكى بۇرۇن تۆشۈكى ئارقىلىق تارقىتىدىكەن. بۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى جىسىملارغا تېگىپ ئۇنىڭدىن ئەكس سادا قايتقاندا شەپەرەڭ قۇلاقلىرى ئارقىلىق ئۇنى قوبۇل قىلىپ، نىشان ۋە ئارىلىققا ھۆكۈم قىلىدىكەن. كىشىلەر ئەكس ساداغا ئاساسەن نىشان بەلگىلەيدىغان بۇ خىل ئۇسۇلنى» ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش «دەپ ئاتىغان.شەپەرەڭنىڭ بۇ خىل ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئىنتايىن نازۇك يول باشلىغۇچى ئەسۋاب بولغاچقا، ئۇ چىڭ تارتىلغان ئىنچىكە سىملار ئارىلىقلىرىدىنمۇ بىمالال ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ.

ئاساسى چۈشەنچە

شەپەرەڭ كېچىدە ئۇچۇشقا ماھىر. قانچە قاپقاراڭغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىردەم يۇقىرىلاپ ۋە پەسلەپ، ئۇچۇش يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى تېزلىكتە ئۆزگەرتىپ، ھېچ نەرسىگە سوقۇلماستىن ئۇچۇپ يۈرگەن ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يېيەلەيدۇ.

چۈنكى، شەپەرەڭ سىرتقى مۇھىتتىكى ھەممە نەرسىنى قۇلىقى بىلەن «ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ» غان بولغاچقا، كۆزى ئېتىپ قويۇلسىمۇ ئۇ يەنە نورمال ئۇچالايدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى بىرەر نەرسە بىلەن ئېتىپ قويۇلسا، ئۇچۇش جەريانىدا ئۇدۇل كەلگەن نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر قۇلىقىغا تىقىپ قويغان نەرسە ئېلىۋېتىلسە، ئۇ يەنىلا نورمال ئۇچۇشقا باشلايدۇ.

شەپەرەڭنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدىغان ۋە مەخسۇس بېلىق تۇتۇپ يەيدىغان بىرخىل بېلىقخور شەپەرەڭ بولۇپ، ئۇ دائىم سۇ ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ. يەنى ئالدى بىلەن ئۇ سۇغا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قويۇپ بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بېلىق تېنىگە تەگكەندە ئۇنىڭدىن قايتقاندىكى سىگنال قانچە ئاجىز بولسىمۇ ئۇ بۇ ئەكس سادانى يەنىلا ئاڭلىيالايدۇ ھەمدە سۇ يۈزىگە تېزلىكتە ئېتىلىپ چۈشۈپ بېلىقلارنى تۇتۇۋالالايدۇ. بېلىقخور شەپەرەڭنىڭ تەكشۈرۈش ماھارىتىمۇ ھەربىي ئىشلار ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا خاتاسىز زەربە بېرىش ئۈچۈن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئايروپىلاندا بايقىيالايدىغان بىر خىل رادارنى تەقلىدىي ياساپ چىققان.

ھازىر كىشىلەر يەنە نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ شەپەرەڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەنلا ھودۇقۇپ قاچىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەپەرەڭنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىپ ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى قاچۇرۇپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى قوغدايدىغان بولدى.

تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئەسۋاپلار

شەپەرەڭنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى پرىنسىپىغا ئاساسەن، كىشىلەر يەنە ئەمالار ئىشلىتىدىغان» يول كۆرسەتكۈچ ئەسۋابى «نى تەقلىدىي ياساپ چىققان. بۇ خىل ئەسۋابنىڭ ئىچىگە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىدىغان ئاپپارات ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەمالار ئۇنى ئېلىۋالسا تۈۋرۈك، پەلەمپەي، كۆۋرۈك ۋە ئادەم قاتارلىقلارنى بايقىيالايدىكەن. ھازىر رولى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇلترا ئاۋازلىق كۆزەينەكمۇ دۇنياغا كەلدى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏