چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو مامۇرانچىننىڭ ئەسلىي ماكانى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئوتتۇرا قىسمىغىچە، شەرقىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلارغىچە كەڭ تارقالغان. سىچۇەندىن چىقىدىغان مامۇرانچىن مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، جۇڭيى تېبابىتى رېتسپلىرىدا «سىچۇەن مامۇرانچىنى» دەپ يېزىش ئادەت بولۇپ قالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مامۇرانچىن

خەنزۇچە ئىسمى :黄连

تارقالغان رايونلار :سىچۈەن ، گۇيجۇ ، خۇنەن ، خۇبېي ، شەنشىنىڭ جەنۇبى قىسمى

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :مامۇرانچىن تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئېيىق تاپان ئائىلسى

ئۇرۇقداشلىرى :مامۇرانچىن ئۇرۇقدىشى

تۈرى :مامۇرانچىن

سىرتقى شەكىلى

     مامۇرانچىن ئېيىقتاپان ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ كۆپىنچە ئېگىز تاغ ئورمانلىرىدىكى سايە-نەم جايلاردا ئۆسىدۇ. سېرىق رەڭلىك يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن ھەم شاخلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چاچما يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. يىلتىزسىمان غولى كۆپ بوغۇملۇق بولۇپ، بوغۇملىرى بىر-بىرىگە زىچ تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماق سېپى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئۈچ كىچىك يوپۇرماق بىر مۇرەككەپ يوپۇرماقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەتىيازدا ئېچىلغان كىچىك ئاق گۈللىرى گۈل شېخىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئۆسىدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، 3 ~8 تالغىچە گۈلى چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏