تاشپاقا قېپىسىمان ئوت ھەققىدە 

ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىدىكى قۇملۇقلاردا قىياپىتى غەلىتە بىر خىل ئوت ياشايدۇ، ئۇنىڭ غولى تۈگۈلۈپ يېرىم يۇمىلاق شارچە شەكلىگە كەلگەن بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇن تەڭگىچىسىمان داغلىرى بولىدۇ. پۈتۈن سىرتقى شەكلى خۇددى بىر تاشپاقا قېپىغىلا ئوخشايدۇ. شۇڭا، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «تاشپاقا قېپىسىمان ئوت» دېيىشىدۇ. 

تاشپاقا قېپىسىمان ئوتنىڭ شەكلى تاشپاقىغا ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن، ياشاش ئادىتىمۇ تاشپاقىغا ئوخشايدۇ. ئوتتەك ئاپتاپ قىزدۇرىدىغان قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە، ئۇ خۇددى تۈگۈلۈۋالغان بىر تاشپاقىدەك يەردە يېتىۋالىدۇ. جېنى يوقتەكلا كۆرۈنىدۇ، لېكىن يېغىن پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، تاشپاقا قېپىسىمان غولىنىڭ ئۇچىدىن ئىنچىكە ئۇزۇن شېخى ۋە قويۇق يوپۇرماقلىرى ناھايىتى تېزلا ئۆسۈپ چىقىپ، تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشكە باشلايدۇ ھەم چېچەكلەپ مېۋىلەيدۇ. قۇرغاقچىلىق پەسلىگە كەلگەندە، بۈك-باراقسان شاخ، يوپۇرماقلىرى شۇ ھامانلا قۇرۇپ، سولىشىپ چۈشۈپ كېتىدۇ. پەقەت ئاشۇ تاشپاقا قېپىسىمان قىسقا غولىلا قېلىپ جان ساقلايدۇ. قىسقا غولىنى سىرتقى قېپى قوغداپ تۇرغاچقا، ئىچىدىكى سۇنىڭ پارلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالىدۇ. 

تاشپاقا قېپىسىمان ئوت پىچەكگۈل ئائىلىسىدىكى بىر پەللىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى پىچەكگۈلنىڭ يېقىن تۇغقىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، قۇرغاقچىلىققا ماسلىشىپ ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەپچىل ماھارەتكە ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، قاتتىق قۇرغاقچىلىق پەسلىدە، يۈز كۈنلەپ يامغۇر ياغمىسىمۇ، ھېچنېمە بولماي ئامان قالىدۇ، يەنە بىر يامغۇر پەسلىگە كەلگەندە، يەنە گۈللەپ، ئاينىپ ئۆسىدۇ. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏