چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پورفىرا يۈسۈنى سۆسۈن ياكى قوڭۇر رەڭدىكى نېپىز پەردىسىمان دېڭىز يۈسۈنى، شۇنداقلا دېڭىزدىن چىقىدىغان مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈك.ياۋا پورفىرا يۈسۈنى دېڭىزنىڭ تېيىز جايلىرىدىكى دولقۇن ئۇرۇلىدىغان بەلۋاغدىكى قورام تاشلاردا ئۆسىدۇ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى نۇرغۇن جايلاردىن چىقىدۇ.

تۈزۈلۈشى

ئۇلار يوپۇرمىقى ئۇزۇن، ئۆسۈشى تېز، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. پورفىرا يۈسۈنىنىڭ گەۋدىسى(يوپۇرماقسىمان تېنى) قىيا تاشتا ئۆسكەن ياكى بېقىش پەردىسىدىكى پورفىرا يوسۇنى بولۇپ، پۈتۈن گەۋدىسى نېپىز يوپۇرماققا ئوخشايدۇ، ئۇ بىر قەۋەت ياكى قىسمەن دائىرىدىكى ئىككى قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ھەقىقىي يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى بولمايدۇ، بىراق ئۇنى يەنىلا تۇتۇپ تۇرغۇچى، سېپى، يوپۇرماقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ(يالغان يىلتىز، يالغان غول، يالغان يوپۇرماق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . ئۇلار تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ يالغان يىلتىز يىپچىلىرىغا تايىنىپ، چاپلىشىش ئاساسىغا مۇقىملىشىپ تۇرىدۇ.

تۈرلىرى

پورفىرا يۈسۈنىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن كۈپسىمان يۈسۈن، ئالىۋالداق يۈسۈن ۋە يۇمىلاق يۈسۈن بار. سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە كۈپسىمان يۈسۈن بىلەن ئالىۋالدىماق يۈسۈن ئاساس قىلىنىدۇ،

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏