قىسقىچە مەزمۇنى

1977-يىلى27-مارتتا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ كانارىي تاقىم ئارىلىدىكى ئايرودرومدا بوئېن747 ئايروپىلاندىن ئىككىسى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ، 577 ئادەم قازا قىلغان. قازا قىلغانلارنىڭ326 نەپىرى ئامېرىكىلىق ئىدى. جەسەتلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تونۇپ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇپ مۇقىملاشتۇرغىنى212 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن156 نەپىرىنى چىشلىرىغا ئاساسەن مۇقىملاشتۇرغان. چىش نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلايدىغان ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات قىلىنىدۇ؟ 

چىش ئادەم تېنىدىكى ئەڭ قاتتىق ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك غىدىقلاشلارغا بولغان چىدامچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك، ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئاستا بولغاچقا، قانۇن دوختۇرىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىرقى، يېشى، جىنسى، قان تىپى، كەسپى، يۇرتى قاتارلىقلىرى ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. چىشلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى ۋە جايلىشىش ئەھۋاللىرىغا، شۇنىڭدەك داۋالاش(مەسىلەن، چىش ياماش، زاماسكىلاش، چىش سېلىش قاتارلىق) مەشغۇلاتلىرىدا بايقالغان ۋە شەكىللەنگەن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئاخىرقى قېتىم داۋالىغان چىش دوختۇرى ۋە تەپسىلىي كېسەل تارىخى بولسىلا، بىر ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.

ياپونىيىنىڭ توكيو چىش پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇزۇكى كازىئو مۇنداق دېگەن: «چىش بىر ئادەمنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ئارخىپتۇر» .


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏