چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇياشتا پۈتمەس-تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەۋجۇت. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالايدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون تۆت ئوكسىد ۋە سۇ قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى گلۇكوزىغا، گلۇكوزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كراخمال قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ فوتوسىنتېز دېيىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :فوتوسىنتېز

خەنزۇچە ئىسمى :光合作用

باشقا نامى :Photosynthesis

فوتوسىنتېز ھەققىدە 

بارلىق جانلىقلار ئۆسۈپ چوڭىيىشتا قۇياشقا تايىنىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ چوڭىيىشتا بولسا قۇياش نۇرىغا تېخىمۇ موھتاج. تەشتەكتىكى گۈل دېرىزىنىڭ يېنىغا ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويۇلسا، ئۇنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى ھامان قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان دېرىزە سىرتىغا قاراپ قىيسىيىپ ئۆسىدۇ.

قۇياشتا پۈتمەس-تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەۋجۇت. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالايدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون تۆت ئوكسىد ۋە سۇ قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى گلۇكوزىغا، گلۇكوزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كراخمال قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ فوتوسىنتېز دېيىلىدۇ.

فوتوسىنتېز يوپۇرماق ئەت ھۈجەيرىلىرى ياكى يۇمران غول يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەردە خلوروپلاست ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغان ھۈجەيرىلەر خۇددى ئورگانىك ماددا ياسايدىغان زاۋۇتقىلا ئوخشايدۇ، يەنى زاۋۇتنىڭ خام ئەشياسى يىلتىزدىن سۈمۈرۈلگەن سۇ بىلەن ھاۋا تۆشۈكچىلىرىدىن سۈمۈرۈلگەن كاربون تۆت ئوكسىد بولۇپ، ياسالغان مەھسۇلات گلۇكوزا بىلەن قوشۇمچە مەھسۇلات ئوكسىگېندىن ئىبارەت. خلوروپلاستنى زاۋۇتنىڭ ماشىنىلىرىغا، يورۇقلۇقنى زاۋۇتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. فوتوسىنتېز جەريانىنى ئاددىي ھالدا تۆۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ:

12H2O+6CO2+阳光→C6H12O6(葡萄糖)+6O2+6H2O

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏