ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :قارا سۈيدۈك كېسىلى

خەنزۇچە ئىسمى :黑尿病

قارا سۈيدۈك كېسىلى ھەققىدە 

قارا سۈيدۈك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ سۈيدۈكى ھاۋاغا يولۇقسىلا قارىداپ كېتىدىغان بولغاچقا، قارا سۈيدۈك كېسىلى دەپ ئاتالغان. بۇ ئادەتتىكى خروموسوملاردا بولىدىغان بىر خىل يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكتۇر.

گېن ھەققىدە 

ئادەمنىڭ تەن ھۈجەيرىسىدە 23 جۈپ خروموسوم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپى جىنسىي پەرقنى، يەنى ئوغۇل ياكى قىز بولۇشنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، بۇ بىر جۈپ خروموسوم جىنسي خروموسوم دېيىلىدۇ؛ قالغان22 جۈپى بولسا جىنس بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، دائىمىي(ئادەتتىكى) خروموسوم دېيىلىدۇ. 

ئادەمنىڭ23 جۈپ خروموسومىدىكى ھەربىر جۈپ خروموسوم ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوم دېيىلىدۇ. ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومدىكى قارىمۇقارشى ياكى تەڭ ئورۇندىكى گېن تەڭ ئورۇنلۇق گېن دېيىلىدۇ. ئىككى تەڭ ئورۇنلۇق گېنى ئوخشاش بولغان ئىندىۋىد ساپ تەنچە دېيىلىدۇ(مەسىلەن، AA ۋە aa) ؛ ئىككى تەڭ ئورۇنلۇق گېنى ئوخشاش بولمىغان ئىندىۋىد ئارىلاشما تەنچە دېيىلىدۇ(مەسىلەن، aA) . ئارىلاشما تەنچە ھالىتىدە بولغاندا بەلگىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرلا گېن(مەسىلەن، A) بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ گېن ئاشكارا گېن دېيىلىدۇ، ئىپادىلەپ چىقالمايدىغىنى بولسا يوشۇرۇن گېن دېيىلىدۇ(مەسىلەن، a) . شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىندىۋىدلاردا ئاشكارا گېن يالغۇز بولسىمۇ ئىپادىلىنەلەيدۇ، ئەمما يوشۇرۇن گېن جۈپ بولغاندىلا ئاندىن ئىپادىلىنەلەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏