چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەھۋە(كافېي) دۇنياغا مەشھۇر ئۈچ ئىچىملىك (چاي، كاكائو، قەھۋە) نىڭ بىرى.قەھۋە دەرىخى رويان ئائىلىسىگە تەۋە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقالدۇر. تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن قەھۋە دەرىخى دائىم قىرقىپ تۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئېگىزلىكى2 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەھۋە دەرىخى تېرىلىپ3 −4 يىلدىن كېيىن ئاندىن چېچەكلەيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :قەھۋە

ئېنگىلىزچە ئىسمى :coffee

خەنزۇچە ئىسمى :咖啡

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گېنتىئانا تۈركىمى

ئائىلىسى :رويان ئائىلىسى

دۇنياغا مەشھۇر ئىچىملىك 

قەھۋە(كافېي) دۇنياغا مەشھۇر ئۈچ ئىچىملىك(چاي، كاكائو، قەھۋە) نىڭ بىرى. مىلادىيىدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئېفىئوپىيىدىكى ئاجياۋ مىللىتى كېفا ئۆلكىسىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئېگىزلىكلىرىدە ياۋا قەھۋە ئۆسۈملۈكىدىن قەھۋە پۇرچىقى يىغقان ۋە ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرگەن. قەھۋە دېگەن بۇ ناممۇ ئەرەبچە «كېفا» دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏