ئاسمان تەجرىبىخانىسى ھەققىدە 

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1973-يىلى 14-مايدا پۈتۈن دۇنياغا داڭقى كەتكەن ئالەم قاتنىشى سايمىنى— «ئاسمان تەجرىبىخانىسى» نى يەر شارىنىڭ 435 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى يېقىن چەمبەرسىمان ئوربىتىسىغا چىقاردى. ئاسمان تەجرىبىخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36 مېتىر، ئەڭ چوڭ دېئامېتىرى 6.7 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 86 توننا كېلىدۇ. بۇ سايمان ئىنسانلار ئاسمانغا چىقارغان ھازىرغا قەدەر ئەڭ چوڭ ئالەم بوشلۇقى سايمىنى ھېسابلىنىدۇ. 

ئاسمان تەجرىبىخانىسى ئاساسلىقى، «ساتۇرىن» خىزمەت بۆلۈمى ۋە «ئاپوللو» چاۋا كېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن. 

ئاسمان تەجرىبىخانىسىدا كىشىلەر تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئوربىتىدىكى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەپ ئاتاش تېخىمۇ باب كېلىدۇ. 

ئاسمان تەجرىبىخانىسى ئىككى تۈركۈم مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ھەربىر تۈركۈمدە ئۈچ نەپەردىن ئالەم ئۇچقۇچىسى چىقىدۇ. ئالدىنقى تۈركۈمدىكىلەر ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا 59 كۈن، كېيىنكى تۈركۈمدىكىلەر 84 كۈن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇلارنى ئاپوللو ناملىق ئالەم كېمىسى ئۋلىپ چىققان. 1974-يىلى فېۋرالدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكەندىن كېيىن، ئالەم بوشلۇقى پنكىتى كۈتۈۋېلىشتىن توختاپ، 1979-يىلى 11-ئىيۇلدا ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاسمان تەجرىبىخانىسىمۇ، يەر شارىنىڭ بارلىق سۈنئىي ھەمراھلىرىغا ئوخشاش، ئەجىلى پۈتكەندە «ئانىسىنىڭ ئۆيى» گە—يەر شارىغا قايتىدۇ. 

ئالاقىدار بايان 

ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئىشلىگەن ئۈچ تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قۇياشنىڭ 175 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك سۈرئىتىنى، يەر يۈزىنىڭ نىشانلانغان 30 مىڭدىن كۆپرەك سۈرئىتىنى تارتىپ، 72 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ماگنىت لېنىيىسى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالەم بوشلۇقى جانلىقلار تېبابەتچىلىكى، ئالەم بوشلۇقىدا ماتېرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەنە 7500 يىلدا بىر قېتىم دەۋرى قىلىپ كوھوتېك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى ئۈستىدە تەپسىلىي كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. . . . 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏