چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل—كاسپىي دېڭىزى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە جەنۇبىنى كاۋكاز تاغ تىزمىسى بىلەن ئېلبۇرس تاغ تىزمىسىنىڭ بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قارلىق چوققىلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، قالغان ئۈچ تەرىپى بىپايان تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت. كاسپىي دېڭىزى قەدىمكى زاماندا كاۋكازنىڭ شەرقىدە ئولتۇراقلاشقان بىر قەبىلە-كاسىپلارنىڭ نامى ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :كاسپىي دېڭىزى

ئۇزۇنلۇقى :7 مىڭ كىلومېتىر

كۆلىمى :371 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى :170-788 مېتىر

ئومۇمىي زاپاس سۈيى :76 مىڭ كۇب كىلومېتىر

خەنزۇچە نامى :里海

قىسقىچە مەزمۇنى

  كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى «S» شەكلىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 320 كىلومېتىر، كۆل قىرغىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7 مىڭ كىلومېتىر، كۆلىمى 371 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆل بولغان سۇپېرىئور كۆلى كۆلىمىنىڭ 4.5 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىن %51 چە چوڭ. ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېشىپ بارىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئومۇمەن 4-8 مېتىر، ئوتتۇرىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 170-788 مېتىر كېلىدۇ، جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 1025 مېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى170-788 مېتىر كېلىدۇ، كېلىدۇ، ئومۇمىي زاپاس سۈيى 76 مىڭ كۇب كىلومېتىر بولۇپ، بايقال كۆلى ياكى بالتىق دېڭىزىدىكى زاپاس سۇنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏