ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :بىر كۈنلۈك ياشايدىغان كېپىنەك

بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەك ھەققىدە 

«ئۆمۈر» دېگەن سۆزنى ھاشاراتلار ئارىسىدا يېتىلگەن ھاشاراتنىڭ ياشىغان كۈنىگە قاراتساق، ئۇ ھالدا، بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەك ھاشاراتلار ئارىسىدا ئەڭ قىسقا ئۆمۈر كۆرىدىغان ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا «بىر كۈنلۈك ياشايدىغان كېپىنەك ئەتىگەندە تۇغۇلۇپ، كەچتە ئۆلىدۇ» دەپ يېزىلغان. ھەقىقەتەن، بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەرنىڭ يېتىلگەنلىرىنىڭ ئۆمرى بىر نەچچە سائەتلا بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ياشىغانلىرىنىڭ ئۆمرى بىر ھەپتىدىن ئاشمايدۇ. 

بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەر ئۇچۇۋېتىپ چېتىلىشىدۇ. كەچقۇرۇنلۇقى ئەمدىلا قانات چىقارغانلىرى سۇ يۈزىگە توپلىشىدۇ، ئەركىكى ئۇچۇپ يۈرۈپ بىردىنلا چىشىسىنى تۇتۇۋېلىپ چېتىلىدۇ، چېتىلىپ بولغاندىن كېيىن چىشىسى سۇغا تۇخۇم سالىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇخۇمىدىن ئىنچىكە يىپ چىقىدۇ، بۇ يىپلار سۇدا يېيىلىدۇ، بەزى يىپلىرىنىڭ ئۇچىدا شورىغۇچ بولۇپ، تۇخۇمنى كۆل(دەريا) نىڭ تېگىگە مەھكەم باغلايدۇ، بەزى يىپلىرى تۇخۇمنىڭ تىنچ-ئامان يېتىلىشى ئۈچۈن سۇ ئۆسۈملۈكلىرىگە چىرمىشىۋالىدۇ. 

بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەر كۆپىنچە توپلىشىپ بىرلا ۋاقىتتا قانات چىقىرىدۇ. بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەر تۇخۇم سېلىپ ئەتىسى كۆل بويىدا ياكى كۆرۈنگەن يەردە ئۆلۈپ قالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان شەھەرلەردە بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەرنىڭ كوچىلاردىكى ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى جەسەتلىرىنى ھەتتا ئاپتوموبىل بىلەن تازىلاشقا توغرا كېلىدىكەن، تازىلىمىغاندا ماشىنىلار تېيىلىپ ماڭالمايدىكەن؛ نېئون چىرىقى بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ دۆۋىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كەچتە بۇنداق چىراقنى ياندۇرماسلىققا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بىر كۈنلا ياشايدىغان كېپىنەكلەر زىيانلىق ھاشارات ئەمەس، ئۇلارنىڭ لىچىنكىلىرى بېلىقلارنىڭ مۇھىم يېمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بېلىق بېقىشقا ياكى ئۇلارنى ئېتىزغا ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏