يولۋاس(مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يولۋاس بولسا چوڭ تىپتىكى مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان ،تۈكلىرىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ،بەدىنىدە توغرىسىغا قارا سىزىقچىللىرى بولىدۇ ،بېشى يۇمىلاق ،قۇلىقى قىسقا ،قۇلىقىنىڭ رەڭگى قارا رەڭدە ،ئوتتۇرسىدا بىر ئاق گەۋدىلىك بولغان نۇقتا بار ،پۇتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك .قۇيرۇقلىرى يوغان ھەم ئۇزۇن ،قارا رەڭلىك چەمبەرسىمان سىزىقلىرى بار

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :يولۋاس

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Tiger

خەنزۇچە ئىسمى :老虎

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخور ھايۋانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :مۈشۈك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :يىلپىز ئۇرۇقدىشى

تۈرى :يولۋاس

يولۋاس ھەققىدە چۈشەنچە

يولۋاس تىپىك تاغ –ئورمانلاردا ياشايدىغان ھايۋانلار تۈرى يولۋاس دائىم يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ ،پەقەت كۆپىيىش مەزگىلىدە بىللە ياشايدۇ،مۇقىم ماكانى يوق ،كۆپىنچە ئورمانلىقلاردا يۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ ،سۇ ئۈزەلەيدۇ لېكىن دەرەخكە يامىشىشنى بىلمەيدۇ ،يولۋاس كۆپىنچە گۇگۇمدا ھەرىكەت قىلىدۇ،كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ ،شەپە بولمىسا ئاسانلىقچە چىقمايدۇ ،يولۋاسنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ ئوزۇقلۇق ئىزدەش دائىرىسى ئون نەچچە كېلومېتىرغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏