چىچەك ھەققىدە 

چېچەك ۋىروسىچىچەك چىچەك ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقۇمچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، كېسەل ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. ئۇ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا پەيدا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. چىچەك سالدۇرمىغانلار ياش قۇرامىنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەگەر يۇقتۇرۇۋالسىلا، چىچەك چىقىدۇ.

چىچەك ۋاكسېنىسى بىلەن ئەملەش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، بەزى جايلاردا چىچەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ نىسپىتى يۇقۇرى ئىدى. چىچەك ۋاكسېنىسى ئارقىلىق مۇداپىئە كۆرۈلگەندىن كېيىن، چىچەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. مەملىكىتىمىزدە ئازاتلىقتىن ئىلگىرى چىچەك دائىم كەڭ تارقىلىپ كېتەتتى. ئازاتلىقتىن كېيىن، ئومۇمىي خەلققە چىچەك سېلىش يولغا قويۇلدى. شۇڭا چىچەك مەملىكەت بويىچە ناھايىتى تېز يوقىتىلىدى. 

ئەڭ ئاخىرقى چىچەك چىققان كىشى

1977-يىلى 26-ئۆكتەبىردە سۇمالىدا چىچەك چىققان بىر كىشى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاخىرقى چىچەك چىققان كىشى دەپ قارالدى. چۈنكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلانىغا قارىغاندا، سۇمالىدا چىچەك چىققان مۇشۇ كىشىدىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئادەمگە چىچەك چىقمىسا، ئۇ ھالدا ئىنسانلاردا بولىدىغان چىچەككە خاتىمە بېرىلگەن بولاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن 1978-يىلى ئامېرىكىلىق بىر ئايال سۈرەتچىگە چىچەك چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايال ئامېرىكىدىكى بىر داشۆنىڭ تېببىي تارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان چىغىدا شۇ ئورۇننىڭ ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا ساقلانغان چىچەك ۋىروسىنىڭ مۇھتىنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە چىچەك يۇقتۇرۇۋالغان. شۇڭا بۇ قېتىمقى چىچەك تەبىسى چىچەك ئەمەس، بەلكى تەجرىبىخانىدا يۇقتۇرۇۋېلىشتىن كېلىپ چىققان چىچەك. شۇڭا ئۇ ئىنسانلاردا بولىدىغان چىچەككە خاتىمە بېرىلگەنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 1979-يىلى 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئىنسانلارنىڭ تەبرىكلىشى ۋە خاتىرلىشىگە ئەرزىيدىغان كۈن-ئىنسانلاردا بولىدىغان چىچەككە خاتىمە بېرىلگەن كۈن دەپ بەلگىلەنگەن. (جياڭ ۋېيچاڭ) 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏