ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :«ئىنىئاك»

ياسالغان ۋاقتى :1946-يىل

قىسقىچە مەزمۇنى

تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياسالغان. ئۇ چاغدا زەمبىرەكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئوق يولىنى ھېسابلاش كۈندىن-كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ، بۇرۇنقى ھېسابلاش ماشىنىلىرى تەلەپنى قاندۇرالماي، تېز ھېسابلايدىغان بىرخىل يېڭى سايمانغا جىددىي ئېھتىياج چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئالىملار، ئېنژېنىرلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، شۇ چاغدىكى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ پەقەت خاتىرلەش، ھېسابلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ساقلاش، كونترول قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارى ئاساسىدا، ئېلىكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى تەتبىق قىلىنىپ بارلىققا كەلدى.

دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىغا «ئىنىئاك» دەپ نام بېرىلگەن. 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە داشۆسىدىكى ئېكېت قاتارلىق كىشىلەر تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇنىڭدىن 18 مىڭدىن كۆپرەك ئېلېكترون لامپا ۋە كۆپلىگەن ئېلېكتىر قارشىلىقى ۋە ئېلېكتىر سىغىمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئېلېكتىرون سىمى ئارقىلىق ھېسابلاش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان. «ئېنىئاك» سېكۇنتىغا قۇشۇش ئەمىلىنى 5000 قېتىم ياكى كۆپەيتىش ئەمىلىنى 400 قېتىم ئىشلىيەلەيدۇ. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا 40 ئوق يولىنى ئەڭ تېز ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئىككى سائەتتە ھېسابلاپ چىقسا، «ئېنىئاك» تا ئۈچ سېكونتتىلا ھېسابلاپ چىققىلى بولدى. دېمەك ئىككى مىڭ ھەسسىدىن كۆپرەك تېز بولدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا، ھەقىقەتەنمۇ قالتىس نەتىجە ئىدى. شۇنداقتىمۇ «ئېنىئاك» يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭدا ساقلاپ قېلىش ئاپاراتى يوق بولۇپ، پەقەت ئېلېكترون لامپا بىلەن ياسالغان قۇيۇپ تۇرۇش ئاپاراتىلا ئىشلىنەتتى. بۇنىڭ بىلەن 10 رەقەمنىلا قويۇپ تۇرغىلى بولاتتى. باشقا مەسلىنى ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاشقا توغرا كەلگەندە، سىملارنى قايتا ئۇلاپ كەپشەلەرش زۆرۈر بولۇپ، ۋاقىت كېتەتتى. تۇنجى ئېلىكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ھازىر 30 نەچچە يىل بولدى. بۇ جەرياندا «ئۈچ ئەۋلاد» ئۆتتى. بىرىنچى ئەۋلاد-ئېلېكترون لامپىلىق ھېسابلاش ماشىنىسى، ئىككىنچى ئەۋلاد-كىرىستال لامپىلىق ھېسابلاش ماشىنىسى، ئۈچىنچى ئەۋلاد-توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ھېسابلاش ماشىنىسى، ھازىر تۆتىنچى ئەۋلادقا كەڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ھېسابلاش ماشىنىسى باسقۇچىغا قەدەم قويۇلىۋاتىدۇ. (فېڭ ۋېيبىن) 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏