چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۈي سۇلالىسىنىڭقۇرغۇچىسى سۈي ۋېندى − ياڭ جيەن ئەسلىدە شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ئىدى. ئۇنىڭ قىزى جۇشۈەندىنىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ، جۇشۈەندى قازا قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن جۇجىڭدىغا نائىبلىق قىلدى. مىلادىيە 581-يىلى، ياڭ جيەن جۇجىڭدىنى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سۈي سۇلالىسىنى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلدى. مىلادىيە 589-يىلى سۈي سۇلالىسى قوشۇنى چېن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى جيەنيېنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۈي سۇلالىسى

ئەلباشى :ياڭ جيەن

خەنزۇچە نامى :隋朝

ئاساسلىق مىللىتى :خەنزۇ

قىتئە تەۋەلىكى :ئاسىيا

ئاساسلىق دىنى :داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى

پايتەختى :چاڭئەن

مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى :ئۈچ ۋازارەت ئالتە پىرقەت

سىياسىي تۈزۈلمىسى :پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

باشقا نامى :Sui Dynasty

تەرەققىيات تارىخى

سۈي سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈي ۋېندى − ياڭ جيەن ئەسلىدە شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ئىدى. ئۇنىڭ قىزى جۇشۈەندىنىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ، جۇشۈەندى قازا قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن جۇجىڭدىغا نائىبلىق قىلدى. مىلادىيە 581-يىلى، ياڭ جيەن جۇجىڭدىنى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سۈي سۇلالىسىنى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلدى. مىلادىيە 589-يىلى سۈي سۇلالىسى قوشۇنى چېن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى جيەنيېنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى.

سۈي سۇلالىسى ئۆمرى قىسقا سۇلالە بولۇپ، 618-يىلىغا كېلىپلا ھالاك بولدى، ئاران 38 يىل مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن، سۈي سۇلالىسىنىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر نەچچە زور ۋەقە كېيىنكى تارىخقا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏