قىسقىچە مەزمۇنى


چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۈي گۇاڭچى دېگەن ئالىم «ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبى ئۈچ خىل بولىدۇ: ئۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، چېكەتكە ئاپىتى. . . . سۇ ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىدىن كۆپىنچە ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. بىراق چېكەتكە ئاپىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. نەچچە مىڭ چاقىرىم ئارىلىقتىكى ئۆسۈملۈكلەر تۈگەپ كېتىدۇ. . . . . دېمەك، چېكەتكە ئاپىتى سۇ ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىدىن دەھشەتلىك بولىدۇ» دېگەن پروفېسسور لى فېڭسۇننىڭ كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرى 707-يىلدىن مىلادى 1935-يىلىغىچە بولغان 2642 يىل ئىچىدە 796 يىل چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەن، بۇنىڭدىن چېكەتكە ئاپىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

چېكەتكە ئاساسلىقى شال، بۇغداي، ئاق قوناق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى يەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قومۇش-يىكەنلەرنى يېيشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۇلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن باشقا نەرسىلەرنى يەيدۇ. چىشى ئۆتىدىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يەيدۇ. 1943-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ خېبىي ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا چېكەتكىلەر توپى كۆرۈلگەن. ئۇلار ئالدى بىلەن زىرائەتلەرنى، قومۇشلارنى يىگەن. كېيىن كەنتكە بېسىپ كىرىپ، ھەتتا دەرىزىلەرگىمۇ چاپلانغان قەغەزلەرنىمۇ يەپ كەتكەن. ئۇلار بىر ياقتىن يەپ، بىر ياقتىن قۇسىدىغان بولغاچقا، ئەمىلىيەتتە ئاغزى تەگكەن ھەممە نەرسىنى يەپ كېتەلمەيدۇ. دېمەك، چېكەتكىلەر دېھقانلار مىڭ تەسلكتە ئۆستۈرگەن زىرائەتلەرنى قالدۇرماي ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

1929-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى بىر توپ چېكەتكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. چېكەتكە شاڭخەي-نىڭبو تۆمۈر يولىنى توسۇۋالغان، شوپۇر رېلىسنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، پويىز كېچىككەن. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدە : «سەنشىدە چېكەتكەبولمايدۇ» دەيدىغان سۆز بار ئىدى. بۇنداق بولۇشى تەيخاڭشەن تېغىنىڭ توسۇپ تۇرغانلىقتىن بولسا كېرەك. لېكىن 1944-يىلى سەنشى ئازات رايونىدا بىر قېتىم قاتتىق چېكەتكە ئاپىتى بولدى. تەيخاڭشەن تېغى ئەتراپىدىكى 23 ناھىيە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە 250000 كىشى چېكەتكە يوقىتىشقا قاتىنىشىپ، 120 مىلياردتىن ئارتۇق چېكەتكە يوقىتىلدى. ئەگەر ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاشقا توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى يەر شارىنى بىر ئوراپ چىقىشقا يېتىپ ئاشقان بولاتتى. تارىختا ئاز كۆرۈلگەن بۇ قېتىمقى زور چېكەتكە ئاپىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنى تولۇق قوزغىشى ئارقىسىدا ۋاقىتىدا يوقىلتىدى. 

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە چېكەتكە ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن. ئافرىقىدا چېكەتكىلەر بىر قانچە دۆلەتكە يامىراپ كەتكەن. 1979-يىلى ئامېرىكىدىكى مىسسۇرى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى 14 شىتاتنىڭ چارۋا مەيدانى ۋە ئېتىزلىرىنى مىغىلداپ كەتكەن ئاچ چېكەتكىلەر قاپلىغان. ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى ياكنىما قاتارلىق جايلارغا چېكەتكىلەر يوللارنى بېسىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ قېلىنلىقى ماشىنىلارنىڭ قانتىشىشىغا خەۋپ تۇغدۇرغان. 

تارىختا رىكورد ياراتقان ئەڭ زور چېكەتكە توپى 1889-يىلى قىزىل دېڭىز ئۈستىدىكى بوشلۇقتا پەيدا بولغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭدا 250 مىليارد چېكەتكە بولغان. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 50 مىڭ توننا كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇچۇۋاتقان چاغدىكى ئاۋازى نەچچە چاقىرىم يىراقلىققا ئاڭلانغان، ئۇلار كۈننى توسقانلىقتىن، جاھان قاراڭغۇلاشقان. بۇنىمۇ «ئاجايىپ كۆرۈنۈش» دېيىشكە بولىدۇ. 

چېكەتلىلەرنىڭ ئوچۇش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇچالايدۇ. فىلىپپىندىكى چېكەتكىلەر تەيۋەنگە ئۇچۇپ كېلەلەيدۇ. چېكەتكە سۇغا چۈشۈپ كەتسىمۇ، دەرھال چۆكۈپ كەتمەيدۇ. يېتىلگەنلىرى سۇدا 24 سائەتتىن ئارتۇق ئۈزەلەيدۇ. ئادەتتىكى ئېگىز تاغلار ۋە دەريا، كۆللەر ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى توسىۋالالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەڭ زور زىيانلىق ھاشارەت ھېسابلىنىدۇ. رەسىمدە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەندە ھەممە يەرنى قاپلىغان چېكەتكىلەرنىڭ زىرائەتنى ۋەيران قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. (يۈەن يىلەن)


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏