چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۈگۈنكى كۈندە سۈركىلىشتىن ئىسسىقلىق پەيدا بولىدىغانلىقى ئاددىي ساۋاتقا ئايلاندى. بىراق، 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، مۇئەييەن سۈركىلىش (ئىش) نىڭ قانچىلىك ئىسسىقلىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئىلىم-پەندىكى قىيىن تېما ئىدى. بۇ تېمىنى ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيەلىك فىزىك جوئۇل (1818-1889) ھەل قىلغان، كېيىنكىلەر ئىش بىلەن ئېنېرگىيەنىڭ بىرلىكىنى «جوئۇل» دەپ ئاتىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جوئۇل

خەنزۇچە ئىسمى :詹姆斯·普雷斯科特·焦耳

باشقا نامى :焦耳

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

يۇرتى :مانچېستېر

تۇغۇلغان ۋاقتى :1818-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1889-يىل10-ئاينىڭ 11-كۈنى

كەسپى :ئىلىم - پەن ، فىزىكا ئالىمى

شەخسلەر ئانكىتى

ئەنگلىيىلىك فىزىك جوئۇل  (1818-1889) نىڭ  ئاتىسى ھاراق ئېچىتىش ئۇستىسى ئىدى، جوئۇل ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىلا ئاتىسىنىڭ ھاراقنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى، تېمپېراتۇرىسى، قويۇقلۇقىنى تەكرار-تەكرار ئۆلچەۋاتقانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، ئىشنى چوقۇم ئەستايىدىل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن. جوئۇل چوڭ بولغاندىن كېيىن، تارازا، سائەت، تېرمومېتىر، گالۋانومېتىر قاتارلىقلار بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏