چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۇنيا ئەرلەر ئېگىزگە سەكرەش تارىخىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغانلاردىن پەقەت ئۈچ ئادەم بار. بىرى، 60-يىللاردىكى ئامېرىكىلىق توماس، يەنە بىرى، 70-يىللاردىكى ئامېرىكىلىق ستونسى، ئۈچىنچىسى، 80-يىللاردىكى جۇڭگولۇق جۇ جيەنخۇادۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جۇ جيەنخۇا

خەنزۇچە ئىسمى :朱建华

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :شاڭخەي شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1963-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :193cm

بەدەن ئېغىرلىقى :70 كېلوگىرام

تەنھەرىكەت تۈرى :ئېگىزگە سەكرەش

مۇكاپات-نەتىجىلىرى :1983-يىلدىكى خېلسىنكى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، 1984-يىلى لوس ئانجىلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدال ئېرىشكەن

كەسپى ھاياتى

جۇ جيەنخۇا 1963-يىل شاڭخەي دە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىقىشتىن بۇرۇن، بىرقانچە قېتىم تىكتاك توپ ئوينىغاندىن باشقا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن ئاز قاتناشقان، ئەمما رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ترېنېرى خۇ خۇڭفېي ئۇنىڭ ئورۇق، ئېگىز بەدىنىگە ۋە ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇتلىرىغا قاراپ، ئۇنى ئېگىزگە سەكرەش ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن. خۇ ترېنېر ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، شياۋجۇنى ئەنئەنىۋى ئېغىر، مەشىقلەرگە ئىنتايىن ئاز سېلىپ، پاقىچىلاپ سەكرەش، ئېگىزگە قول تەككۈزۈش، رېزىنكە ئاتلاشتەك 40 خىلغا يېقىن خىلمۇخىل مەشىقلەرگە سالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏