چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىز ھەر قېتىم ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقان چېغىمىزدا ناخشىنىڭ كومپوزىتورى، دەۋر كۈيچىسى نيې ئېرنى ئەسلەيمىز. نيې ئېر (1912-1935) نىڭ ئەسلىي ئىسمى نيې شوشىن، ئۇ يۈننەننىڭ يۈشى دېگەن يېرىدىن بولۇپ، كۇنمىڭدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا گۈللۈك پانۇس، يۈننەن تىياتىرى قاتارلىق خەلق مۇزىكىلىرى ۋە ئەلنەغمىلەرگە ئىشتىياق باغلاپ، كۆپ خىل مىللىي چالغۇلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :نيې ئېر

خەنزۇچە ئىسمى :聂耳

باشقا نامى :nieer،聂守信,聂子义

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :يۈننەننىڭ يۈشى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1912-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1935-يىلى

كەسپى :مۇزىكانت، كومپوزىتور

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :يۈننەن ئۆلكىسى بىرىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى

ئەسلىي ئىسمى :نيې شوشىن

شەخىسلەر ئانكىتى 

نيې ئېربىز ھەر قېتىم ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقان چېغىمىزدا ناخشىنىڭ كومپوزىتورى، دەۋر كۈيچىسى نيې ئېرنى ئەسلەيمىز. 

نيې ئېر (1912-1935) نىڭ ئەسلىي ئىسمى نيې شوشىن، ئۇ يۈننەننىڭ يۈشى دېگەن يېرىدىن بولۇپ، كۇنمىڭدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا گۈللۈك پانۇس، يۈننەن تىياتىرى قاتارلىق خەلق مۇزىكىلىرى ۋە ئەلنەغمىلەرگە ئىشتىياق باغلاپ، كۆپ خىل مىللىي چالغۇلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن. بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىدە ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئىلغار مەزمۇندىكى تۈرلۈك ژۇرناللارنى ئوقۇغان، 1930-يىلى شاڭخەيگە بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى «شاڭخەي جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بۈيۈك ئىتتىپاقى» غا قاتناشقان، 1933-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ، سولقانات ئىلغار پىكىرلىك كىنو، دراما، سەھنە ئەسەرلىرىگە مۇزىكا ئىشلىگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن ئىنقىلابىي ناخشىلارنىمۇ يازغان. ئۇلار: «پىدائىيلار مارشى»، «ئالغا بېسىش ناخشىسى»، «يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلار»، «داغدام يول ناخشىسى»، «پرىستان ئىشچىلىرى ناخشىسى»، «ئوقۇش پۈتتۈرۈش ناخشىسى»، «يېڭى ئاياللار»، «گېزىت سېتىش ناخشىسى» قاتارلىق ناخشىلار ھەمدە «ئالتۇن يىلان ئۇسسۇلى ، «سۇيخۇ كۆلىگە باھار كەلدى» قاتارلىق مىللىي چالغۇ مۇزىكىلىرىدىن ئىبارەت. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏