چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پىفاگور ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلى (بۈگۈنكى گرېتسىيە نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىيە، تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ-دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسىرغا كېلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 530-يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پىفاگور

خەنزۇچە ئىسمى :毕达哥拉斯

باشقا نامى :Pythagoras

دۆلەت تەۋەلىكى :قەدىمكى يۇنان

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 572-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 497-يىلى

كەسپى :مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ماتېماتىك، ئالىم

شەخىس ھەققىدە 

پىفاگورمەيلى تاشقى ماددىي دۇنيانى چۈشەندۈرۈشتە، ياكى ئىچكى مەنىۋى دۇنيانى تەسۋىرلەشتە بولسۇن، ماتېماتىكا بولمىسا بولمايدۇ! بارلىق شەيئىلەرگە سان قائىدىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەڭ دەسلەپتە ھېس قىلغۇچى 2500 يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى يۇنانىستان ماتېماتىكى، پەيلاسوپ پىفاگور(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 572 −497) ئىدى. 

پىفاگور ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلى(بۈگۈنكى گرېتسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىيە، تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ-دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسىر غا كېلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 530-يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان. كېيىن ئىتالىيە نىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كروتوندا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلىپ، بىر ياقتىن مائارىپ بىلەن، بىر ياقتىن ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏