چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىزدە «خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئوت-دېڭىزغا كىرىش» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، بەدىنى كۆيۈۋاتسىمۇ مىدىرلاپ قويمىغان بىر قەھرىمان جەڭچى ئۆتكەن، ئۇ بولسىمۇ چيۇ شاۋيۈن (1926-1952-يىللار) دۇر. ئۇ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭلياڭ دېگەن يېرىدىن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چيۇ شاۋيۈن

خەنزۇچە ئىسمى :邱少云

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭلياڭ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1926-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1952-يىلى

كەسپى :ھەربىي

شەخىس ھەققىدە 

چيۇ شاۋيۈنبىزدە «خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئوت-دېڭىزغا كىرىش» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، بەدىنى كۆيۈۋاتسىمۇ مىدىرلاپ قويمىغان بىر قەھرىمان جەڭچى ئۆتكەن، ئۇ بولسىمۇ چيۇ شاۋيۈن (1926-1952-يىللار) دۇر. ئۇ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭلياڭ دېگەن يېرىدىن. 1952-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدە، چيۇ شاۋيۈن نەچچە يۈز سەپدىشى بىلەن بىللە كىيىم-كېچەكلىرىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن ئوراپ، دۈشمەنلەر ئىگىلىۋالغان 391-نومۇرلۇق ئېگىزلىكنىڭ ئەتراپىدا يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. 60 مېتىر نېرىسىدا چارلاپ يۈرگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كەينىدە بولسا جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن باشقا يولداشلار جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتى. نەچچە يۈز جەڭچى 20 نەچچە سائەتكىچە چوقۇم مىدىرلىماي تۇرۇشى كېرەك ئىدى، بولمىسا، جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالاتتى. چۈش بولغاندا، ئەنسىزچىلىكتە قالغان دۈشمەنلەر ئۇلار يوشۇرۇنۇپ تۇرغان تەرەپكە قارىتىپ مەقسەتسىزلا كۆيدۈرگۈچ بومبا ئاتتى، ئۇنىڭ بىرى چيۇ شاۋيۈننىڭ پۇتىنىڭ يېنىغىلا چۈشتى، ئۇنىڭ بەدىنى شۇ ھامانلا لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. 

يېقىنلا يەردە ئېرىق بار ئىدى، بىراق ئۇ ئېرىققا قاراپمۇ قويماي، چىشىنى چىشلەپ تۇرىۋەردى. پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن چيۇ شاۋيۈن ئىككى قولىنى پاتقاققا چىڭ تىقىۋالدى. مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتتە، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن چيۇ شاۋيۈن قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا چىداپ، مىلتىقىنى قاماللاپ تۇتقىنىچە، يەرگە مەھكەم چاپلىشىپ يېتىۋەردى. ئوت توپتوغرا يېرىم سائەت كۆيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تاكى باتۇرلارچە قۇربان بولغانغا قەدەر خۇددى گىگانت تاشتەك مىدىرلاپمۇ قويمىدى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏