چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شۈ شياڭچيەن (1901-1990-يىللار) قارارلىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىك ئىنقىلابچى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شۈ شياڭچيەن

خەنزۇچە ئىسمى :徐向前

باشقا نامى :徐象谦

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :شەنشى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1901-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1990-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

كەسپى :ھەربىي

شەخسلەر ئانكىتى

شۈ شياڭچيەن (1901 −1990-يىللار) 23 يېشىدا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 1-قارارلىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىك ئىنقىلابقا ئاتلانغان. 1927-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن خەيلۇفېڭ رايونىغا بېرىپ، پېڭ بەي قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇبېي-خېنەن چېگرا رايونى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي-خېنەن چېگرا رايونى ئىنقىلابىي كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي كومىتېتى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قىزىل 4-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏