چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شيەن شىڭخەي ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ خەلق كومپوزىتورى دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەھرىمانلىق غەيرەت-شىجائىتىنى ئىپادىلىگەن «خۇاڭخې چوڭ خورى» ئاجايىپ داڭق قازانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شيەن شىڭخەي

خەنزۇچە ئىسمى :冼星海

باشقا نامى :黄训、孔宇

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنيۇ ناھىيەسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1905-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1945-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

كەسپى :جۇڭگو يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق كومپوزىتور، رويالچى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :پارىژ دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنىستىتۇتى

چەتئەلچە نامى :Xian Xing hai

شەخسى ئارخىپ

شيەن شىڭخەي (1905-1945) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنيۇ ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئاۋمېندا نامرات دېڭىزچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن دادىسى ۋاپات بولغان، شيەن شىڭخەي ئاپىسى بىلەن بىللە مالايا تاقىم ئاراللىرىغا كەتكەن. 14 يېشىدا گۇاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ، لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن، 20 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، خەت باسقۇچى، ئىشچىلار كەچ كۇرسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 22 يېشىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس مۇزىكا ئۆگىنىش ئورنى ھەمدە دۆلەتلىك سەنئەت تېخنىكومىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان، كېيىنچە شاڭخەي دۆلەتلىك مۇزىكا تېخنىكومىنىڭ ئىسكىرىپكا ۋە پىئانىنو كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى تۈپەيلى بۇيرۇق بىلەن ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن. 1930-يىلى فرانسىيە نىڭ پارىژ شەھىرىگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئاتاقلىق ئىسكىرىپكىچى پاگنى ئاۋبېدوفىل، ئاتاقلىق كومپوزىتور پائۇل دۇكاسنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. 

1935-يىلى شيەن شىڭخەي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان، نۇرغۇن جەڭگىۋار ئاممىۋى ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان، ئىلغار پىكىرلىك كىنو، درامىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. 1938-يىلى يەنئەنگە بېرىپ، لۇشۈن نامىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1940-يىلى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان، 1945-يىلى موسكۋادا ۋاپات بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏