چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1900-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىدا گېرمانىيىلىك ھىلبېرت (1862-1943) يېڭى ئەسىردىكى ماتېماتىكلار تىرىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 23 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ 23 مەسىلە مۇشۇ ئەسىردىكى ماتېماتىكا پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ھىلبېرت

خەنزۇچە ئىسمى :希尔伯特

باشقا نامى :David Hilbert

دۆلەت تەۋەلىكى :گىرمانىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1862-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1943-يىلى

كەسپى :ماتېماتىكا ئالىمى

شەخىس ھەققىدە 

ھىلبېرت1900-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىدا گېرمانىيىلىك ھىلبېرت (1862-1943) يېڭى ئەسىردىكى ماتېماتىكلار تىرىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 23 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ 23 مەسىلە مۇشۇ ئەسىردىكى ماتېماتىكا پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلانغان. بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات 20-ئەسىردىكى ماتېماتىكا تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. 

ھىلبېرتنىڭ خىزمىتى نۇرغۇن ماتېماتىكا ئاساسىي مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسىگە ئوخشىمايدىغان غەيرىي ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن پۇختا دەپ قارىلىپ كەلگەن ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسىنىڭ نۇقسانلىرى ئاشكارىلىنىپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كەلگەن. ھىلبېرتنىڭ كاتتا ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا تېخىمۇ پۇختا، مۇكەممەل بولغان گېئومېتىرىيە ئاكسىئومىسى سىستېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەرقايسى ماتېماتىكا تارماقلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان «ئاكسىئومىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» نى قوزغىغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏