چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گەندى (1869-1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيە دە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گەندى

خەنزۇچە ئىسمى :莫罕达斯·卡拉姆昌德·甘地

باشقا نامى :圣雄甘地

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان

تۇغۇلغان ۋاقتى :1869-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1948-يىلى

كەسپى :مىللىي ئازادلىق رەھبىرى، كونگرېسلار پارتىيىسىنىڭ داھىيەسى

شەخىس ھەققىدە 

گەندىئۇ «ئۆتكەن 30 يىلدىكى يولباشچى ۋە پەيلاسوپ»، «ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ماياكى». 1947-يىلى 8-ئايدا، ھىندىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيەسى موھانداس كارامچاند گەندى ئەنە شۇنداق تەرىپلەنگەن. 

گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيە دە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. 1915-يىلى، ئەنگلىيە نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏