چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋاڭ چۇڭ (مىلادىيە 27-يىلىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 97-يىلىغا قەدەر ياشىغان) − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېرىيالىستىك مۇتەپەككۇر. ئىسمى جۇڭرېن، خۇيجى ۋىلايىتىنىڭ شاڭلۇ دېگەن يېرى (بۈگۈنكى جېجياڭ ئۆلكىسى شاڭلۇ ناھىيەسى) دىن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋاڭ چۇڭ

خەنزۇچە ئىسمى :王充

باشقا نامى :王仲任

مىللىتى :خەنزۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىيە 27-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىيە 97-يىلى

شەخىس ھەققىدە 

ۋاڭ چۇڭۋاڭ چۇڭ (مىلادىيە 27-يىلىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 97-يىلىغا قەدەر ياشىغان) − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېرىيالىستىك مۇتەپەككۇر. ئىسمى جۇڭرېن، خۇيجى ۋىلايىتىنىڭ شاڭلۇ دېگەن يېرى(بۈگۈنكى جېجياڭ ئۆلكىسى شاڭلۇ ناھىيەسى) دىن. ئۇ كىچىك چېغىدا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، نامراتلىقتا ئۆتكەن. ئالتە يېشىدىن تارتىپ ئوقۇشنى باشلاپ، ئون بەش يېشىدا پايتەخت لوياڭدىكى تەيشۆ بىلىم يۇرتىغا ئاپىرىپ بېرىلگەن، شۇ چاغدىكى مەشھۇر كۇڭزىچى ئۆلىما بەن بياۋنى ئۇستاز تۇتقان. ئۇ نۇرغۇن نادىر كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىشقا ئىشتىياق باغلىغان، ئەمما كىتاب ئالىدىغانغا پۇلى بولمىغاچقا، دائىم لوياڭ كوچىلىرىدىكى كىتاب يايمىلىرىنىڭ قېشىدا كىتاب ئوقۇغان، ئوقۇغانلىرىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، بارا-بارا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە ئادەمگە ئايلانغان. ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشتا ئۆزگىچە قارىشى بولغان، ئۇستىلىق بىلەن ئوقۇغان، بولۇپمۇ تۈرلۈك «غەيرىي سۆزلەر» نى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئەمەلدارلار چوقۇنىدىغان كۇڭزىچىلىق تەلىماتلىرىغا قارىتا گۇمانلىنىش ۋە تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. ئۇ كېيىنكى چاغلاردا يۇرتىغا قايتىپ، شاگىرت-تالىپ قوبۇل قىلىپ دەرس ئۆتكەن، يەرلىكتە كىچىك ئەمەلدار بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، مەنسىپى ئېلىپ تاشلىنىپ ئۆيىگە كېتىپ، دېرىزە، تاملارنىڭ ھەممە يېرىگە موي قەلەملەرنى ئېسىپ قويۇپ، مەخسۇس كىتاب يېزىپ، نەزەرىيە مۇتالىئە قىلىپ، 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ نادىر ئەسەر − «مۇھاكىمە ۋە بايان» نى يېزىپ چىققان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏