چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىيوخان گوتېنبېرگ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچى دەپ تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تۆھپىسى پەقەت ئىپتىدائىي مەتبەئە ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا، ئۇ نابور ۋە ماشىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يازما ماتېرىياللارنى تېز ھەم سۈپەتلىك بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان قىلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئىيوخان گوتېنبېرگ

خەنزۇچە ئىسمى :约翰内斯·古登堡

باشقا نامى :Johannes Gutenberg

دۆلەت تەۋەلىكى :گېرمانىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1400-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1468-يىلى

كەسپى :كەشپىياتچى

شەخىس ھەققىدە 

ئىيوخان گوتېنبېرگگوتېنبېرگنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنىڭ مەتبەئەچىلىك جەريانىدىكى نابور ۋە تىزىش، مەتبەئە ماشىنىسى، مەتبەئە مېيى، ماتېرىيالىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىلنى مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىدە ھەمدە سۈپەتلىك ۋە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. 

ئىيوخان گوتېنبېرگ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچى دەپ تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تۆھپىسى پەقەت ئىپتىدائىي مەتبەئە ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا، ئۇ نابور ۋە ماشىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يازما ماتېرىياللارنى تېز ھەم سۈپەتلىك بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان قىلدى. 

ھەممىمىزگە ئايانكى، ھەرقانداق بىر كەشپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىر ئادەمنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىقمايدۇ. بۇنى مەتبەئە تېخنىكىسىغا مىسال قىلىش مۇمكىن. مەتبەئە قائىدىلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئىمزا قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تامغا، گوتېنبېرگ دۇنياغا كېلىشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى جۇڭگودا ئىشلىتىلىشكە باشلانغانىكەن. كىتاب مەتبەئەچىلىكى تەخمىنەن مىلادى 868-يىلى بارلىققا كەلگەن. مەتبەئەچىلىك گوتېنبېرگدىن ئىلگىرىلا غەرب ئەللىرىدە باشلىنىپ بولغان. بىراق، ئۇ چاغدىكى مەتبەئە ئويما مەتبەئەسى ۋە ياكى تاش مەتبەئە ئىدى. بىر كىتابنى بىرنەچچە نۇسخىلا باسقىلى بولاتتى. روشەنكى، بۇ خىل مەتبەئە ئۇسۇلىنىڭ كەمچىلىكى كۆپ ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، يېڭى بىر كىتابنى بېسىش ئۈچۈن نۇرغۇن ياغاچ ۋە تاش تاختايلىرىنى ئويۇشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭلاشقا بۇ خىل ئۇسۇل سانى جىق، تۈرى كۆپ كىتابلارنى بېسىشقا باب كەلمەيتتى. 

گاھىدا، بەزىلەر گوتېنبېرگنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەشپىياتى مىخ مەتبەئە دېيىشىدۇ. لېكىن بىز يەنە شۇنى بايقىدۇقكى، نابور ھەرپلىرىنى 12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، جۇڭگولۇق بى شېڭ دېگەن بىر ئادەم كەشىپ قىلغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، بى شېڭ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى ساپالدىن ياسىغانىكەن. بۇ خىل ھەرپ ئاسان چېقىلىپ كېتەتتى. كېيىن جۇڭگولۇقلار بىلەن كۇرىيىلىكلەر ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. گوتېنبېرگدىن بۇرۇن كۇرىيىلىكلەر مېتالدىن ياسالغان مىخ مەتبەئە ھەرپىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانىدى. 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۇرىيە ھۆكۈمىتى مىخ مەتبەئە ئىشلەپ چىقىرىشنى قوللىغان. شۇنداقتىمۇ بىز بى شېڭنى بۇ جەھەتتە تەسىرى بار شەخس دەپ قارىيالمايمىز. ئەمەلىيەتتە ياۋروپالىقلار جۇڭگولۇقلارنىڭ مىخ مەتبەئە ئىشلەتكەنلىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق. ئۇلار مەتبەئەچىلىكنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرغان. يەنە بىر سەۋەب، ئۇ بولسىمۇ، جۇڭگودا مىخ مەتبەئەنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى كېيىنرەك بولغان، ئاساسەن ياۋروپانىڭ تەرەققىي قىلغان مەتبەئەچىلىكى كەڭ كۆلەمدە تارقالغاندا بولغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏