چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەدىمكى زاماندىكى ئىستىلاتچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى گرېتسىيە تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئىسكەندەر زۇلقەرنەين

خەنزۇچە ئىسمى :亚历山大大帝

باشقا نامى :Alexander،Alexander the Great

دۆلەت تەۋەلىكى :گرېتسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىدىن بۇرۇن 323-يىلى

كەسپى :پادىشاھ، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم

شەخىسلەر ئانكىتى

ئىسكەندەر زۇلقەرنەينقەدىمكى زاماندىكى ئىستىلاتچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى گرېتسىيە تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ماكېدۇنىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ ناھايىتى قابىلىيەتلىك، يىراقنى كۆرەر ئادەم ئىدى. فىلىپ  Ⅱ ماكېدونىيە قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ بۇ قۇشۇننى غايەت زور كۈچلۈك قوراللىق كۈچ قىلىپ چىققانىدى. بۇ قوشۇن بىلەن ھەممىدىن ئاۋۋال شىمالىي گرىتسىيىدىكى بەزى جايلارنى قورشىۋېلىپ، ئاندىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ زور قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گرېتسىيە شەھەر دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. دەل ئۇ پېرىتسىيە ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، بەختكە قارشى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ 46 ياشتا ئىدى.

ئاتىسى قازا تاپقاندا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەمدى 20 ياشقا كىرگەنىدى، بىراق، ئۇ ھېچقانداق توسالغۇسىزلا پادىشاھلىق تەختىگە چىقتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئالدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورۇننى تەييارلاپ قويغانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مەلۇم ئۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئاتىسى ئادەتتە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ ئالەمشۇمۇل ئابرويغا ئىگە پەيلاسوپ ئارېستوتىلنى ئۇنىڭغا ئۇستازلىققا تەكىلىپ قىلغانىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏