چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زىققە كېسىلى بولسا كۆپ خىل ھۈجەيرە بىلەن ھۈجەيرە تەركىبلىرى سەۋەبىدىن بولىدىغان سوزۇلما نەپەس يولى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ،ئادەتتە كەڭ ھەم ئۆزگىرىشچان قايتمىلىق ھاۋا ئېقىمى چەكلىمىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ، تەكرار قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :زىققە

ئاساسلىق ئالامىتى :نەپەس قىيىنلىشىش، بىمار ياتالماي ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش، تىنىقى چىقماي، چىرايى قىزىرىپ كېتىش، بەزىدە ئىسقىرتقاندەك ئاۋاز چىقىرىپ نەپەسلىنىش، كۆپۈكلۈك بەلغەم چىقىرىش ۋە كالپۇك، بارماقلىرى كۆكىرىش

كېسەللىك سەۋەبى :زۇكامنىڭ نەزلىسى، يۈرەكتە قان قېيىش ۋە بەدەندە بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كېتىش تەسىرىدىن ئۆپكىدە قويۇق بەلغەم يىغىلىپ قېلىش، نەپەس يوللىرى ياللۇغلانغاندىن كېيىن ئۇزاققىچە ساقايماسلىق

خەنزۇچە نامى :支气管哮喘

تەۋە بۆلۈم :نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :شاخچە كاناي

ئىنگلىزچە نامى :bronchial asthma

تەبىرى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللار ياللۇغلىنىپ، كانايچىلار تارىيىپ ياكى سپازمىلىنىپ، كلىنىكىدا تۇتقاقلىق دەم سىقىلىش، نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك سىقىلىش، يۆتىلىش، ئۆپكە ساھەسىدىن زىققە تاۋۇشى ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، جىددىي چارە قىلمىغاندا نەپەس توختاپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

كانايچە زىققىسى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «رەبو» دەپ ئاتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏