چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مېڭە پەردە ياللۇغى _ يۇمشاق مېڭە پەردىسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. تۆت خىلىتنىڭ سان ۋە پەن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى، مېڭە ۋە مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :مېڭە پەردە ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :جىددىي قۇسۇش، يۇقىرى قىزىتما، جۆيلۈش

خەنزۇچە نامى :脑膜炎

تەۋە بۆلۈم :نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقىدۇ

ئىنگلىزچە نامى :meningitis

كېسەللىك ھەققىدە

مېڭە پەردە ياللۇغىبالىلاردىكى مېڭە پەردە ياللۇغى(سەرسامى ئەتفال):بۇ كىچىك بالىلار مېڭىسىنى ئوراپ تۇرغۇچى سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان نېپىز پەردىنىڭ ياللۇغى بولۇپ كىلىنىكىدا يۇقىرى قىزىتما بۇلۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپالىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە يۈز بىرىدۇ. كىچىك بالىلار بولۇپمۇ ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار كۆپرەك ئاغرىيدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تۆت خىلىتنىڭ سان ۋە پەن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى، مېڭە ۋە مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك.

بۇ كېسەل گەرچە يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ بۇ كېسەلنىڭ بالىلارغا يۇقىشىدا بالىلار مىزاجىدا بۇزۇلۇش تۆت خىلىتنىڭ ھەرخىل ئۇفۇنەت ۋە جاراسىملا تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بەزىدە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىنمۇ بولىدۇ. 

ئالامىتى: جىددىي قۇسۇش، يۇقىرى قىزىتما، جۆيلۈش، بىئاراملىق، باش ئاغرىش، يورۇقلۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق، پۇت-قول ھەرىكەتلىرى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

دەسلەپ زۇكامدەك بەلگىلەر كۆرۈلۈپ كىيىن قىزىتما، باش ئاغرىش، ئارقىدىن چىدىغۇسىز باش ئاغرىش روھى كەيپىيات تۇتۇقلىشىش، ئەس ھوشىنى يوقىتىش، چۈچۈش، پۇرقۇپ قۇسۇش، بېشى ئارقىسىغا قايتىپ قېلىش، باشنىڭ ئالدىنقى لىپىلدىقى پولتۇيۇپ چىقىش، كۆز ئالمىسى تىترەش ۋە مىدىرلىماسلىق، ئېغىرلاشقاندا كۆكىرىش، پۇت-قوللار مۇزلاپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏