چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چېكىملىك: ئۇيغۇرلاردا كۆك تاماكا، سېرىق تاماكىلارنى چىلىمدا چېكىش بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان، كېيىنچە بۇ خىل چېكىملىك ئۆزلۈكىدىن قېلىپ، موخۇركا چېكىش ئادىتى شەكىللەندى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چېكىملىك

ئۇيغۇرلاردىكى چېكىملىك

موخۇركىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياسايدۇ. موخۇركا غولىنى چاناپ، يانجىپ، تاسقاپ توپىسىنى چىقىرىپ، تېرىقتەك دانچىلارنى ئايرىپ ئۇنى قازاندا قورۇپ ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا كۆك تاماكا ئارىلاشتۇرۇپ قەغەزگە ئوراپ چېكىدۇ.

قەغەزدە چېكىش ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، قەغەزنى كاناي شەكلىدە ئوراپ، موخۇركا تولدۇرسا، يەنە بىرى، قەغەزنى ئىكك قولدەك كېسىپ موخۇركا سېلىپ پاپىروس شەكلىدە يۆگەپ چېكىدۇ. ھازىر موخۇركا ئوراپ چېكىش ئادىتى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا زاۋۇتتا ياسالغان تەييار قاپلىق تاماكا چېكىش ئومۇملاشماقتا. تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ نىسبىتى باشقا خەلقلەرگە سېلىشتۇرغان ئانچە يۇقرى ئەمەس. ئاياللار ئىچىدە تاماكا چېكىدىغانلار يوق دېيەرلىك، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنى ناھايىتى يامان كۆرىدۇ. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏