چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نېرۋا ئاجىزلىقى-ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، باش ئاغرىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :نېرۋا ئاجىزلىق

ئاساسلىق ئالامىتى :ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان تېرىكىش، يۈرىكى سىقىلىش، گۇمانخورلۇق، ئىشتىھاسىزلىق

كېسەللىك سەۋەبى :پاسسىپ كەيپىيات،قان خىلىتىنىڭ ئازىيىشى

خەنزۇچە نامى :神经衰弱

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار

تەۋە بۆلۈم :نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

ئىنگلىزچە نامى :neurasthenia

كېسەللىك ھەققىدە

نېرۋا ئاجىزلىقنېرۋا ئاجىزلىقى كىلاسسىك ئەسەرلەردە «زەئفى ئەسەب» دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كىلىنىكىدا باش ئاغرىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، زېھنىنى يىغالماسلىق، پىكىر خىيالى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئاساسەن ھاياجانلىنىش، يۈرەك سېلىش، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ياشلاردا ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا جىددىي خىزمەت، تۇرمۇشتىكى غەم-ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن مېڭىدە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ئەسەبلەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. پاسسىپ روھى كەيپىيات ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن يۈز بىرىدۇ .
2. قالايمىقان تۇرمۇش تەرتىپى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
3. قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
4. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
6. باشقىلار. 

نېرۋا ئاجىزلىقئالامىتى: ئۇيقۇ قېچىش، ئەسەبلەر قالايمىقانلىشىش، قالايمىقان چۈش كۆرۈش، ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان تېرىكىش، يۈرىكى سىقىلىش، گۇمانخورلۇق، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئېرىنچەكلىك يالغۇزلىقنى خالاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىت سەۋەبىدىن بولسا خىلىتقا قا

رىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

2. باشقا سەۋەبلەردىن بولغان بولسا، شۇ خىل سەۋەب يوقىتىلىدۇ .

3. ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، مېڭە ۋە ئومۇمي بەدەننى قۇۋۋەتلەش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏