چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ قاپاق گىرۋەكلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدىغان ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ قان ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ، شۇ ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىشتىن پەيدا بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :يىڭناسقۇ

ئاساسلىق ئالامىتى :يىرىڭ ئېقىش،ئاغرىش

خەنزۇچە نامى :麦粒肿

تەۋە بۆلۈم :كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :كۆز ئەتراپى

خەنزۇچە باشقا نامى :规范词:睑腺炎,麦粒肿是曾用名,针眼

ئىنگلىزچە نامى :hordeolum

يىڭناسقۇ ھەققىدە

يىڭناسقۇسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۇزۇق سەۋدا ۋە قان خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماي، خام خىلىتنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەمدە تازىلىققا قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 يىڭناسقۇ كۆپىنچە، قان خىلىتى ياكى سەۋدا خىلىتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئاچچىق-چۈچۈك، كۈچلۈك تاماقلارنى ھەزىم قىلماي تۇرۇپلا ئارقا-ئارقىدىن ئىستېمال قىلىش، كەچتە يېتىشتىن ئىلگىرى دائىم تاماق يەپلا ئازراق ھەرىكەت قىلماي ئۇخلىغانلىقتىن بۇزۇق يەللەر پەيدا بولۇپ، كۆز گىرۋەكلىرىگە يامان تەسىر قىلغانلىقى، بەزى كىشىلەردە قاپاق ۋە كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماي، پاسكىنا قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاش ۋە ھەرخىل چاڭ-توزانلار تۈپەيلىدىن كىرپىكلەر ئاستىدىكى تۈك خالتىلىرىغا جاراسىم (مىكروب) نىڭ كىرىشىدىن كۆز گىرۋەكلىرىگە پۇرچاقتەك قاپارتقۇ چىقىپ يىڭناسقۇ چىقىپ يىڭناسقۇ پەيدا بولىدۇ. 

ئالامىتى: كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىدە دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇش، ئازراق قىچىشىش، ئاغرىش، تەدرىجىي مۇدۇر دائىرىسى قىزىرىپ، ئاغرىق كۈچىيىپ، مۇدۇر ئۇچى ئاقىرىپ، يىرىڭ يىغىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

تاشقى يىڭناسقۇ: كۆپىنچە، كۆزنىڭ تۆۋەنكى گىرۋەكلىرىدە پەيدا بولىدۇ. كۆزنىڭ يۇقىرىقى گىرۋەكلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپتە دائىرىلىك كىچىك قاتتىق مۇدۇرچاقلار پەيدا بولىدۇ. ئازراق قىچىشىپ ئاغرىيدۇ. كېيىن قىزارغان ئىششىق دائىرىسى كېڭىيىپ باسسا ئاغرىيدۇ. بۇ يىرىڭ يىغىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قاپارتقۇ ئۇچلىرى ئاقىرىپ، باسسا مىلىقلىسا، يىرىڭنىڭ پىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قىزىرىپ ئىششىش ئېغىرلاشسا، پۈتۈن قاپاققا تەسىر قىلىپ، قاپاق يىرىڭلىق ئىششىققا ئايلىنىدۇ ھەمدە قۇلاق ئالدى بەزلىرى يوغىناپ كېتىدۇ. يىرىڭ ئېغىز ئالغاندىن كېيىن قىزىللىق، ئىششىق، ئاغرىقلار ئۆزلۈكىدىن يېنىپ كېتىدۇ.

ئىچكى يىڭناسقۇ: ئالامەتلىرى تاشقى يىڭناسقۇ بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىللىق پەردىدە بولغاچقا، يىرىڭ تۇتقاندىن كېيىن قاپاق ئىچكى پەردىسىدە سېرىق رەڭلىك يىرىڭ نۇقتىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏