چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دېھقانچىلىق ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن تارىختا ئىگە ئىقتىسادىي تارماق. كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان ئولتۇراق تۇرمۇش تەقەززالىقى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياشىغان بەزى رايونلاردا دېھقانچىلىق قوشۇمچە، بەزى رايونلاردا ئاساسلىق ئىگىلىك سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دېھقانچىلىق

خەنزۇچە نامى :农艺

ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىقى ھەققىدە

30پارچەتېرىقچىلىققا دائىر رەسىملەرئاشلىق زىرائەتلىرى بويىچە مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بۇغداي، تېرىق، چۈژگۈن، ئارپا قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋادىسىدىكى بۇنىڭدىن 4700 نەچچە يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن چىققان بۇغداي؛ چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىكى بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن چىققان توقاي ئەنە شۇنىڭ كۈچلۈك پاكىتى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز تىپىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى، پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار بۇغداي ياۋىسىنى «غۇدۇر بۇغداي» دەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇ ئاتالغۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پاكىتقا ئاساسەن بۇغداينى ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئارخېئولوگ ۋاڭ بىڭخۇا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى قەبرىدىن چىققان بۇغدايغا ئاساسەن ئۇنى «مەملىكەت بويىچە قەبرىدىن چىققان بۇغدايغا ئاساسەن ئۇنى «مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرۈلگەن بۇغداي ئەۋرىشكىسى. . . شىنجاڭدا بۇغداي مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ بىر ئۇلۇغ تۆھپىسى» دەيدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۇ قارىشىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن «بۇغداي شىنجاڭغا ئىراندىن كىرگەن» دېگەن قاراشنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېۋەز تېرىقچىلىقىمى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. نىيە ناھىيىسىدىن شەرقىي خەن دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەردىن پاختا يىپ توقۇلمىلار چىققان. «ۋېينامە. تېلېلار ھەققىدە قىسسە» دە، «غەربكە يېقىن جايلاشقانلار كۆپىنچە باغۋەنچىلىك، ئىكىنچىلىك قىلاتتى» دېگەن خاتىرە قالدۇرۇلغان. بۇ ئىككى تارىخىي پاكىتمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدە بۇرۇنلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، كىشىلىك تۇرمۇشىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئاشلىق زىرائەت، ئىقتىسادىي زىرائەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك، مەسىلەن، بۇغداي، ئارپا، قوناق(ئاق قوناق، كۆممىقۇناق) شال، تېرىق، ھەر خىل پۇرچاق، كېۋەز، زىغىر، كۈنجۈت، قىچا، زاراڭزا، تاماكا، كەندىر، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ قانداق تېرىش، قانداق پەرۋىش قلىش، يىغىش، ساقلاش، ئىستېمال قىلىش بويىچە، شۇنىڭدەك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىنى ۋە ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە مۇناسىپ يەر، پەسىل-مۆچەللەرنى بەلگىلەش بويىچە، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى بويىچە مول تەجرىبىلەرنى ياراتقان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏