چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خوتەن قەغىزى-ئېلىمىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆت چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللىي قول سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى زاماننىڭ يېڭىچە سانائىتى گەرچە ئۇنى بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار قىممىتىدىن سىقىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى ھامان سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :خوتەن قەغىزى

خەنزۇچە نامى :和田桑树皮纸

خوتەن قەغىزى ھەققىدە

10پارچەخوتەن قەغىزىنىڭ رەسىمىئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەسىقىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەرخىل ئىلىم-پەن ھۈججەتلىرى ئەنە شۇ خوتەن قەغىزىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قەدىمكى «يىپەك يولى» سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، «خوتەن قەغىزى» نامى بىلەن ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان. 

خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى(ئىلچى) دىكى بىر قانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە «قەغەز مەھەللىسى» دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏