چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلى ۋاقتى، قايسى خىل ئۇرۇقنى قايسى ۋاقىتتا سالسا(تېرىسا) ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ تۇرىدۇ ۋە شۇ يىلقى قىشلىق قار، جۈملىدىن ئەتىياز ۋە يازدا بولىدىغان يامغۇرلارنى مۆلچەرلەپ تۇرىدۇ. مۇبادا، ھۆل-يېغىن ئاز بولۇپ قۇرغاقچلىق يۈز بېرىش شەپىسى بولىدىغان بولسا، كونا قائىدىسى بويىچە، پۈتۈن يۇرت خەلقى ئۇلۇغ مازارلار ياكى قەدىمكى جايلارغا يىغىلىپ كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ ھەربىر ئادەم خالىغان نەرسە ئېلىپ چىقىدۇ، قان قىلىپ، ياغ پۇرىتىپ سۇ تەلەپ قىلىپ دۇئا-تەكبىر قىلىپ تەڭرىگە سېغىنىدۇ، بۇ مۇراسىمنى «زاراخەتمە» دەپ ئاتايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تېرىم ۋە يىغىم ئادەتلىرى

خەنزۇچە نامى :种和收获习惯

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېرىم ئادەتلىرى

11پارچەئۇيغۇرلارنىڭ تېرىم ئادىتىگە دائىر رەسىملەرزاراخەتمىدىن كېيىن، ھەربىر دېھقان ئۆز ئېتىزلىرىنى تۈزەپ سۇ كېلىشىنى كۈتىدۇ ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق ئېتىز بېشىدا قوي، كالا دېگەندەك جانلىقلارنى سويۇپ «قان قىلىپ» نەزىر قىلىدۇ. جامائەت يىغىلىدۇ. بۇ يىغىلىشتا دېھقانچىلىق رىسالىسى ئوقۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قائىدىلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، رىسالىدىكى بەدەننى پاكىز، پاك تۇتۇش، تېرىقچلىق ۋاقتىدا، پىرلارغا سېغىنىش، شەرىئەت ئەمىرىنى بەجا قىلىش، ئېتىقادىنى پاك قىلىش، ئاللانى ياد ئېتىش، ئۇرۇقنى ئوڭ قول بىلەن سېلىش، خاپىلىق-ئاچچىقلىنىشتىن خالىي بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئالىملارنى دوست تۇتۇش، قوش قېتىش، تاپ بېشىدىن يېنىش ئۇسۇلى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئاسراش ۋە قەدىرلەش، ئۆشرە، كەپسەن بېرىش، يالغۇز بۇغداي، قوناق تېرىماي، قوغۇن-تاۋۇز، ماش، پۇرچاق، كۆكتات قاتارلىق ھەر خىل زىرائەتلەرنىمۇ تېرىش، باغ بىنا قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق قائىدىلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏